• 2010-12-11

    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان - [شېئىرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/88174944.html

    ********************
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان
      
    مىللىتىم دېگەندە ۋىجدانىڭ بىلەن،  
    ئاجىزنى يۆلىسەڭ قۇربىتىڭ بىلەن.  
    مايسىنى يۇلمىساڭ يىلتىزى بىلەن،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
        
      
    ئەۋلادىڭ قالمىسا كەتمىنى بىلەن،   
    ئىلىم يوق قۇرساقتا سەللىسى بىلەن.  
    زامانغا ماسلاشسا قەلىمى بىلەن،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
      
      
    كۆكلىسە بىرەيلەن تارتمىساڭ پەسكە،  
    قوللىساڭ ئەكسىچە قېتىلىپ سەپكە.
    يۇرت ئارا ئىناق بوپ تاشلىساڭ شەپكە،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
        
      
    بىرىمىز يېقىلساق يۆلەپ تۇرغۇزساڭ،  
    ھارامدىن يىراقلاپ ھالال ياشىساڭ.  
    تۆت تەڭگە پۇل تېپىپ شىلتىڭ ئاتمىساڭ،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
        
      
    ئەۋلادقا زەھەرنى تۇتىم قىلمىساڭ،  
    قىزلارنى ئاناڭدەك مەڭگۈ ئاسرىساڭ،  
    ئۆزەڭمۇ باش بولۇپ شۇئار توۋلىساڭ،  
    شۇ چاغدا بولىدۇ مىللىتىڭ ئامان.
    مەنبە: ئۆز قەلىمىم
     تاتار ئوغلى يازمىلىرى

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!

    分享到:

    评论

  • شېئىرىڭىز ناھايتى مەزمۇنلۇق ئىكەن،سىلەر بۇرۇنلا تۈركى مىللەتلەر ئارىسدا مەرىپەتلىك مىللەت ئىدىڭلار .
    مىلىتڭلار گۈللەپ-ياشنىغاي![cusFace:0]
  • سىزنىڭ بۇ شېئىرىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ قېرىندىشىم. راستىنلا....