• 2010-12-10

    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز ؟! - [شېئىرلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/87990544.html

    مەن بۇ شېئىرىمنى جەمئىيىتىمىزدىكى بىردەملىك ھېسسىياتىنى باسالماي، سەبىي قەلبلەرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى شۇنداقلا بەختىگە ئولتۇرغان ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارغا بېغىشلايمەن!
      

    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز ؟!
      
      
    ئاتا-ئانا پۇشتىدىن تۆرەلدۇق بىز ھەممىمىز، 
    خوشال ئىدۇق ئىناق ئىدى ئاتا-ئانا ئۆيىمىز،  
    بىردەملىك ئاچچىق بىلەن سۇندى بىزنىڭ قەلبىمىز،  
    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
     
     
      
      
    ئۈشبۇ ئالەم كەڭ قوينىدا پەشۋا ئاتتۇق مۇشلاشتۇق،   
    جان ساقلاشقا ئامالسىز ھەم يانچۇقنىمۇ كولاشتۇق،   
    جەمئىيەتتە ئاقچى كۆكچى چوڭ ئۈنۋانغا ئېرىشتۇق،   
    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
     
     
    ئاھ! بۇ تەنلەر بەك قىينالدى قۇرۇپ كەتتى كۆز ياشلار،   
    گاھ كوچىدا سەرسان بولۇپ كۆكەردى بۇ قاپاقلار،  
    ھەي نادان ئاتا-ئانىلار بىزلەرنىمۇ ئويلاڭلار،   
    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!
      
    ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان مەكتەپتىنمۇ مەھرۇم بىز،
    ئىسسىق تاماق تەييار تۇرغان ئائىلىدىن مەھرۇم بىز،
    توڭلىغاندا دالدا ئۈچۈن چاپاندىنمۇ مەھرۇم بىز،
    بۇ يۈرەكلەر لەختە-لەختە قېنى ئاتا-ئانىمىز؟!

      

    تاتار ئوغلى يازمىلىرى

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!

    分享到:

    历史上的今天: