• 2010-12-09

    بۇ قىزلار نېمە كويدا؟ - [ماقالىلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/87925542.html

    بۇ قىزلار نىمە كويدا؟

      


      ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك قانۇنىيەت ھەر بىر ئىنسان قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان بىر ھەقىقەت. پەرزەنت تۇغۇلۇپ، ئايىقى تىلى چىقىپ، مەكتەپكە بېرىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تۇرمۇشقا چىققۇچە ئاتا-ئانا بولغۇچى بۇ بۈيۈك ۋەزىپىنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ ئۆز زىممىسىگە ئالغان. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئائىلىسى، ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن شۇنچىلىك جاپا-مۇشەققەتتە بۇ مۇرەككەپ داۋانلاردىن ئاشقىنىنى چۈشىنىدىغان پەرزەنتلەر قانچىلىك دەيسىز؟. ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنى شۇنچىلىك جاپادا كېچە-كۈندۈز تۈزۈكرەك ئاراممۇ ئالماي، ئۆز پەرزەنتىنىڭ بەختى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خوشاللىقىنى قۇربان قىلغان ئەمەسمىدى. ئەمدى ئەتراپىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئاشۇ جاپاكەش ئاتا- ئانىلىرىمىزنىڭ ئارزۇلۇق كەلگۈسى ئۈمىدلىرى نىم ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرىيدىغاندۇ؟! بەلكىم سىزمۇ كۆرگەنسىز، ياكى خىجىللىق ئىلكىدە كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتكەنسىز، ۋە ياكى كۆزىڭىزنى ئالاچەكمەن قىلىدىغان تۇرقىغا قاراپ شەھۋەتپەرەس كۆزلىرىڭىز بىلەن قاراپ تۇرۇپ كەتكەنسىز. ئەيتاۋۇر ماڭا ئۇ كۆرۈنۈشلەر ئازراقمۇ چىرايلىق تۇيۇلمىدى. ئەنە...... كۆز ئالدىمدىلا يەنە بىر كورىيەنىڭ كىنو-فىلىملىرىدىكى ئاتالمىش مودا ئارتىسلىرىدەك ئەيتاۋۇر، تۇرقىدىن ئادەم ياكى جىن شاياتۇندىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان بىر قىز ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ تېنىدىن چىققان ئاچچىق كۈچلۈك ئەتتىرى بۇرنۇمنى ئېچىشتۈرىۋەتتى. چاچلىرى بىرەر ئاي تارالمىغاندەك. قۇلاقلىرىغا بىر ھالقا ئاز كېلىپ قالغاندەك ئۆتمۈتۆشۈك قىلىپ ئېسىۋالغان، ئۆزىچە نومۇس بىلىنمەي فىگور چىقىرىپ مېڭىشلىرىغا قاراپ توۋا دەپ قالدىم. ھەي...... نىمە دېسەم بولار بۇلارغا، بۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرىغا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا......!. مەن ھازىرقى بۇ جەمىيەتتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرىۋېرىپ، ئۆزەمنىڭ كېلەچىكىمدىن ئازراق ئەنسىرەپ قالدىم. نېمىشقا بۇنداق دەيسىز دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن، ھېكايەمنى ئاڭلاپ بېقىڭ، ئاندىن چۈشىنىسىز. 
     
      مېنىڭ بىر تونۇشۇم بولىدىغان، ئۇ بىر كۈنى ماڭا تېلېفۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر قىز بىلەن يېقىندا تونۇشۇپ قالغىنى دېدى. ھەمدە مېنىمۇ يەنە بىر قانچە دوسلىرىنىمۇ رېستۇراندا مېھمان قىلغاچ، بىردەم-يېرىمدەم ئولتۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بارىدىغان بولدۇم. بىز بىر قانچەيلەن پاراشلاشقاچ رېستۇراندا ئۇ قىزنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىدە ئولتۇردۇق. بىردەمگىچە كۆز ئالدىمىزدا ئاجايىپ بىر قانچە قىز پەيدا بولدى(دوستلىرى ھەمرا بولۇپ بىللە كېلىپتىكەن). قىز دېيىشكىمۇ تىلىم كۈيىدۈ. چاچلىرى قۇشقاچ چاڭگىسىدەك، لەۋلىرى قان ئىچىۋالغاندەك،كىيىملىرىنى دېمەيلا قوياي، ئىشقىلىپ مېنىڭ كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمىدى. بارغىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلىپ، بىر باھانە كۆرسۈتۈپ قويۇپلا ئۇ سورۇندىن ئايرىلدىم. گەرچە بۇ بىر ئۆزەم كۆرگەن كىچىككىنە مىسال بولسىمۇ، ھازىر جەمئىيىتىمىزدە ئاغزىدىن ئوغۇز سۈتى كەتمىگەن بىر قىسىم سىڭىللىرىمىزنىڭ قايسى ھالەتتە ياشاۋاتقىنىنى كۆرمەك تەس ئەمەس. مۇشۇنداق بىر ئەبجەشلىشىپ كەتكەن جەمئىيەتتە ئۆزەمنىڭ كەلگۈسۈمدىن ئازراق ئەنسىرەپ قالدىم. مېنىمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قايسى بىر قىز، "سىز نېمانداق زاماننىڭ كەينىدە قالغان؟ نېمانداق خۇراپىي، ھازىر دېگەن قايسى دەۋر" دەپ پاك ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەرلىك غورۇرۇمغا ئازار بېرىشىدىن ئەنسىرىدىم......
     

    ھېكايەم تۈگىمىدى، لېكىن داۋامىنى يېزىشقا رايىم پەقەت بارمىدى. داۋامىنى يەنىلا پاك كۆڭۈللۈك، باتۇر، نۇزۇگۇمدەك، ئىپارخاندەك قىزلىرىمىزغا قالدۇراي!......

     
    ( ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان كۆيۈمچان، ئىشچان قىزلىرىمىزغا ئاپىرىن! مېنىڭ يوقىرىدا دېگەنلىرىم پەقەت ۋە پەقەتلا جەمئىيىتىمىزدىكى ئاشۇنداق بىر قىسىم قىزلارغىلا قارىتىلغان. مەزكۇر ماقالە قىزلارنى ئاساس قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويغان بىر قىسىم يىگىتلىرىمىز تىلغا ئېلىنمىدى. كەڭ ئوقۇرمەن قىزلارنىڭ توغرا پوزىتسىيىدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن).

    ئاۋازلىق ئەسىرىم

     

     

    مەنبە: قەلەم
    تاتار ئوغلى يازمىلىرى

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!

    分享到:

    历史上的今天: