• 2010-12-09

    توۋا دەيمەن - [ماقالىلار]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/87741868.html

    توۋا دەيمەن

     

      بىر قانچە قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ رەڭلىك سورۇندا ئولتۇرۇپ، ئېسىل شاراپ ۋە ھەرخىل ھالالمۇ ھاراممۇ بىلگىلى بولمايدىغان يېمەكلىكلەرنى يەپ-ئىچىپ، "ئاللا" بەرگەن نازۇ-نىمەتلىرىڭگە كۆپ رەھمەت دەپ دۇئا قىلىۋاتقىنىغا توۋا دەيمەن.
     
      چاچلىرىنى، تىرناقلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرىۋېلىپ، قۇلاقلىرىغا ھالقا ئېسىۋالغان يىگىتلىرىمىزگە توۋا دەيمەن.

      باشقىلارنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى بۇزىۋاتقان، بالىلارنى يىتىم قىلىۋاتقان، ئىچىدىن زەھەر تامىدىغان ھەسەتخور كىشىلەرگە توۋا دەيمەن.
     
      ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن شۇنچىلىك ياخشى تەربىيە ئالغان، غورۇرلۇق دەپ ئويلىغان شۇ قىزنىڭ، بىر ھاراقكەش، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر، قىزلارنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرىدىغان يىگىتنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن غورۇرىنى يوقۇتۇپ بولغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەي يۈرىۋاتقانلىقىغا توۋا دەيمەن.
     
      ئەكسىچە، ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان، ئاقكۆڭۈل، ئېغىر بېسىق يىگىتلەرگە بىرەر قىزنىڭمۇ كۆڭلى چۈشمەيۋاتقانلىقىغا توۋا دەيمەن.
     
      مودا دەپ ھەرخىل ياسىنىپ، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ "سودا" بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتقان قىزلىرىمىزغا توۋا دەيمەن.

      مېنى مۇشۇ "توۋا دەيمەن" ناملىق ماقالىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلغان، شۇنداقلا مەن ئىلگىرى بۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىنى يېزىپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان بىر ماقالىنى يېزىشقا سەۋەپ قىلغان، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە توۋا دەيمەن.

    ئاۋازلىق ئەسىرىم

    مەنبە: تاتار ئوغلى

    تاتار ئوغلى يازمىلىرى

    ئەسكەرتىش: تېمىلىرىمنى يۆتكىسىڭىز ئەسلى مەنبە ياكى قەلەم ئىگىسىنى ئەسكەرتىڭ!

    分享到:

    历史上的今天: