• 2010-10-28

    مىنتىمېر شەيمىيېۋ جۇڭگودىن كەلگەن مىللەتداشلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتى - [تاتار خەۋەرلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/81152931.html

    مىنتىمېر شەيمىيېۋ جۇڭگودىن كەلگەن مىللەتداشلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتى

     

    (مىنتىمېر شەيمىيېۋ جۇڭگو تاتارلىرى بىلەن بىللە)

    سولدىن ئوڭغا: (دۇنيا تاتار قۇرۇلتىيى رەئىسى رىنات زاكىروۋ، خەمىت خەكىموۋ،فاتىمە ئەختەموۋا، مىنتىمېر شەيمىيېۋ، رەقىپ ئابباس، تۇرسۇنتاي غالىيېۋ).

     

         21 -ئۆكتەبىردە تاتارىستان دۆلەت مەسلىھەتچىسى، تاتارىستاننىڭ سابىق پىرىزىنتى مىنتىمېر شەيمىيېۋ جۇڭگودىن كەلگەن مىللەتداشلىرىمىز بىلەن ئۇچراشتى. خان سارىيىدا بولغان بۇ ئۇچرىشىشتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تاتار مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى، ئۈرۈمچىنىڭ سابىق ساقلىقنى ساقلاش مىنىستىرى رەقىپ ئابباسوۋ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتى پروفىسسورى، گېنىتىكا ئالىمى خەمىت خەكىموۋ، ئىلى ئوبلاستلىق  تاتار مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى، قازان ئالىي مەكتەپلىرىدىكى جۇڭگولۇق تاتار ستودېنىتلارنىڭ يېتەكچىسى تۇرسۇنتاي غالىيېۋ، ئىلى ئوبلاستلىق تاتار مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى، غۇلجا شەھەرلىك مالىيە-ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى فاتىمە ئەختەموۋالار كەلگەن ئىدى.

      بۈگۈن يىراق چىن دۆلىتىدە(جۇڭگودا) ياشاۋاتقان مىللەتداشلىرىمىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇ يەرلەرگە 150 يىللار بۇرۇن كېلىپ ماكانلاشقان. ئۆز كۈچلىرى بىلەن مەسچىت-مەدرىس، مەكتەپلەر سالدۇرۇپ، شۇ يەردە بالىلىرىغا ئانا تىلىنى، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكەن. دىن ئىلىمىنى چۈشەندۈرگەن. شۇ يۆنۈلۈشتە جۇڭگودا ياشاۋاتقان تاتارلارنىڭ بىر قانچە ئەۋلادى تەربىيىلىنىپ چىققان. بۈگۈن بۇ ئۇچرىشىشقا كەلگەن يۇقارقى ئەۋلاد مىللەتداشلىرىمىز جۇڭگو زىمىنىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. بۇ ئەۋلاد تاتارلارنىڭ باشقا خەلق ئارىسىدا ياشاپمۇ، ئۆز ئانا تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا، تاتار مەكتەپلىرى، ئەدەبىي كېچىلىكلەر، ئائىلىدىكى مىللىي تەربىيە ياردەم قىلغان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى بىلىملىك ھەم زىيالىي، زور دەرىجىلەرگە ئېرىشكەن شەخسلەر. "ئارىمىزدا پروفېسسورلار، دوختۇرلار، دۆلەت خىزمەتچىلىرى، شائىر، يازغۇچىلار ھەم باشقا ساھەلەردە تونۇلغان شەخسلەر كۆپ"،-دېدى ئىلى ئوبلاستلىق تاتار مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇنتاي غالىيېۋ.

      ئۈرۈمچې شەھەرلىك تاتار مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرى رەئىسى  83 ياشلىق رەقىپ ئابباسوۋ سۆزىگە قارىغاندا، تاتارلار بۇ يەرلەرگە(جۇڭگودا) ئۆمۇر بويى ئۆز مىللىتى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، باشقا مىللەتلەرگە  مەرىپەت ئۇرىقىنى سېلىشتا، بىلىملىك قىلىشتا  زۇر رول ئوينىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خۇجىنتاۋنىڭ 2007- يىلنىڭ مارت ئېيىدا، روسىيەگە سەپەر قىلىش مابەينىدە تاتارىستانغا كەلگەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ مەتبۇئاتلىرىدا تارقاتقان. ئۇ ۋاقىتتىكى تاتارىستان پرېزىنتى مىنتىمېر شەيمىيېۋ بىلەن جۇڭگونىڭ باش رەئىسىنىڭ ئۇچراشقان فوتو سۈرەتلەر كۆپ باسمىلاردا بىرىنچى بەتكە بېسىلىپ چىققان. مېھمان ئەنە شۇنداق گېزىتلەرنىڭ بىرسى بولغان خەلق گېزىتىنى مىنتىمېر شەيمىيېۋكە سوۋغا قىلدى. جۇڭگونىڭ باش رەئىسىنىڭ تاتارىستانغا بولغان سەپىرى تەشۋىق قىلىنغاندىن كېيىن،  بۇ ئەلدە تاتارىستان ھەم تاتارلارغا بولغان قىزىقىش ئاشتى. بىزنىڭ بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ  ئارىسىدا ئابرويىمىز تېخىمۇ كۆتۈرۈلدى - دەپ دەلىللىدى رەقىپ ئاكا.

       تاتارىستان دۆلەت مەسلىھەتچىسى مىنتىمېر شەيمىيېۋ تارىخى ۋەتىنىدىن باشقا، چەت دۆلەتلەردە ياشاپ ئابروي تاپقان، تونۇلغان جۇڭگو تاتارلىرىغا  ئىنتايىن زوقلانغانلىقىنى بىلدۈردى. "كۆرگىنىمىزدەك، سىلەرنىڭ نەسلىڭلار كۈچلۈك نەسىل بولغان. ھەرقايسىڭلار زور ئوڭۇشلۇقلارغا ئېرىشكەن، نام ئابرويلۇق دەرىجىلىك كىشىلەر. باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلۇشىڭلار ئەڭ چوڭ مەرتىۋە"، -دېدى مىنتىمېر شەيمىيېۋ. تاتارستاننىڭ  سابىق پرېزىنتى ئارلىقنى يىراق كۆرمەي، تارىخى ۋەتىنىگە كەلگەن مىللەتداشلىرىمىزغا رەخمىتىنى بىلدۈرۈپ، مۇشۇنداق ئۇچرىشىشلار داۋاملىق بولۇپ تۇرسۇن" دەپ تىلەك بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىككى ئارىدىكى ئالاقىلارنى ئۈزۈلدۈرمەستىن، مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

       بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگودا ياشاۋاتقان 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلق ئارىسىدا، تاتارلارنىڭ سانى كۆلدىكى سۇ تامچىسىدىن ئىبارەت خالاس. ھازىر جۇڭگودا  5800 ئەتراپىدا  مىلللەتداشلىرىمىز ياشاۋاتىدۇ.  ئۇلاردا ئانا تىلىنى، تاتار ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدىنىيىتىنى، بىر سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، تاتارلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئىستىكى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۈچىيىپ بېرىۋاتىدۇ. كۆپ سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا ياشاش، ياشلىرىمىزغا تىلنى يوقىتىش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايرىم تاتار مەكتەپلىرى يوق. ئانا تىل ئاساسەن ئائىلىدە ئۆگۈتىلىدۇ.  سابانتۇيلار، توقاي كېچىلىكلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.“تىلنىڭ يوقىلىشىغا ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدۇ.  شۇڭا ياشلىرىمىزنى تاتارىستانغا ئەۋەتىپ، ئانا تىلىنى، ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگەتكۈمىز، ئۆرپ-ئادەتلەرنى تونۇتقىمىز بار"،- دەپ نىيەت بىلدۈردى. مۇخپىرلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئونىۋېرسىتېتى پروفىسسورى خەمىت خەكىموۋ.

      ئىلى ئوبلاستلىق  تاتار مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،  قازان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى جۇڭگولۇق تاتار ستۇدېنىتلارنىڭ يېتەكچىسى تۇرسۇنتاي غالىيېۋنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۈگۈنكى كۈندە قازاننىڭ  ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا، جۇڭگودىن كەلگەن 48 تاتار ستۇدېنت بىلىم ئالىدۇ.  2011 -يىلدا بىرىنچى تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار ئونىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرىدۇ.  "جۇڭگودا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھەقسىز ئوقۇتىدۇ. بالىلىرىمىز جۇڭگودىمۇ ياخشى مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇيالايدۇ. لېكىن بىز باشقا تاتار مۇھىتىدىن يىراق بولغان دۆلەتتە ياشىغاچقا، پەقەت بىلىم ئېلىشلا يېتەرلىك بولمايدۇ. ئۆز ئانا تىلىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىمۇ زۆرۈر. بۇ مۇمكىنلىكنى پەقەت تاتارىستانلا بېرەلەيدۇ. "، -دېدى تۇرسۇنتاي غالىيېۋ .  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قازاندا بىلىم ئېلىپ قايتقان تاتار ياشلىرى، مىللەتنى ئالغا باستۇرۇشتا يوقارقى قاتلام بىر ئەۋلادنىڭ داۋامچىلىرى بولىشى كېرەك.  ئۇلار كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى تاتارلارغا ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىشى، "مەن- تاتار" دېيەلىگۈدەك كېلەچەك ئىگىلىرىنى تەربىيلىشى كېرەك.

    مەنبە: (تاتار ئىنفورۇم) دىن ئېلىندى.

    تەرجىمە قىلغۇچىلار: تاتار ئوغلى، رىفقەت ئەخەت قاتارلىقلار ئۇيغۇرچىلاشتۇردى

     (رەسىملەرنى قازاندىن رىفقەت ئەخەت تەمىنلىگەن)

     

    تاتار سلاۋيانچىسى

    Минтимер Шәймиев Кытайдан килгән милләттәшләребез белән очрашты

     

    21 октябрьдә ТР Дәүләт Киңәшчесе Минтимер Шәймиев Кытайдан килгән милләттәшләребез белән очрашты. Кремльдә узган очрашуга Өремче шәһәре татар мәдәни җәмгыятенең мактаулы рәисе, Өремченең элеккеге мэры Рәкыйп Аббасов, Синзянь авыл хуҗалыгы университеты профессоры Хәмит Хәкимов, Голҗа шәһәре татар мәдәнияте җәмгыяте рәисе урынбасары, Казан югары уку йортларында укучы татар студентлары кураторы Турсунтай Галиев, Голҗа шәһәре татар мәдәнияте җәмгыяте рәисе урынбасары, Голҗа Финанс институты доценты Фатыйма Әхтәмова килгән иде.

      Бүген ерак Чин илендә яшәүче милләттәшләребезнең ата-бабалары бу җирләргә 150 еллар элек килеп урнашкан. Үз көчләре белән мәчет-мәдрәсәләр, мәктәпләр салдырып, шунда балаларына ана телен, мәдәниятен өйрәткән, дин гыйлемен төшендергән. Шул рәвешле, Кытайда яшәүче татарларның берничә буыны тәрбияләнергә өлгергән. Бүген очрашуга килгән өлкән буын милләттәшләребез Кытай илендә туып-үскән буын. Бу буынның чит халыклар арасында яшәп тә, телне, гореф-гадәтләрне саклап калуына нәкъ менә татар мәктәпләре, әдәби кичәләр, гаиләдәге милли тәрбия ярдәм иткән. Аларның барысы да белемле һәм зыялы, зур дәрәҗәләргә ирешкән шәхесләр. “Арабызда вуз профессорлары, табиблар, депутатлар, шагыйрьләр һ.б. өлкәләрдә танылучылар күп”, -ди Голҗа шәһәре татар мәдәнияте җәмгыяте рәисе урынбасары Турсунтай Галиев.

      Өремче шәһәре татар мәдәни җәмгыятенең мактаулы рәисе 83 яшьлек Рәкыйп Аббасов сүзләренә караганда, татарлар бу җирләрдә гомер-гомергә үз милләтләре өчен генә түгел, башка халыкларга мәгърифәт орлыкларын салуда, аң-белемле итүдә зур роль уйнаган. Аның хәбәр итүенчә, Кытай Халык Республикасы рәисе Ху Цзиньтаоның 2007 елның мартында Россиягә сәфәре кысаларында Татарстанга килүен Кытай массакүләм мәгълүмат чаралары киң яктырткан. Ул чактагы Татарстан Президенты Минтимер Шәймиев белән Кытай лидерының очрашуын сурәтләгән фотолар күп басмаларның беренче битенә урнаштырылган. Кунак шундый газеталарның берсен бүген Минтимер Шәймиевкә бүләк итте. “Кытай лидерының Татарстанга сәфәре яктыртылганнан бирле бу илдә Татарстан, татарлар белән кызыксыну артты. Безнең биредә яшәүче халыклар арасындагы абруебыз тагын да күтәрелде”, -дип ассызыклады Рәкыйп ага.

       ТР Дәүләт Киңәшчесе Минтимер Шәймиев тарихи ватаннарыннан читтә яшәп танылу алган Кытай татарларына соклануын белдерде. “Күрәсең, сезнең нәселләрегез көчле булган. Һәркайсыгыз зур уңышларга ирешкән, дәрәҗәле кешеләр. Чит халыклар арасында хөрмәткә ия булуыгыз бик зур мәртәбә”, -ди Минтимер Шәймиев. Татарстанның беренче Президенты ерак араларны якын итеп тарихи Ватаннарына килгән милләттәшләребезгә рәхмәт белдереп, мондый очрашулар ешрак булсын иде, дигән теләк белдерде. Аның искәртүенчә, ике арадагы элемтәләрне югалтмыйча, бәйләнешләрне тагын да ныгытып яшәргә кирәк.

       Бүген Кытайда яшәүче 1 млрд. 300 млн. нан артык халык арасында татарларның саны күлдәге бер тамчыны гына хәтерләтә. Биредә 5800 ләп миллләттәшебез гомер кичерә. Аларда туган телен, татар гореф-гадәтләрен, мәдәниятен, бер сүз белән әйткәндә татарлыгын саклап калу омтылышы бүген тагын да көчлерәк. Күпсанлы милләт арасында яшәү яшьләргә телне югалту куркынычы белән яный. Өстәвенә, аерым татар мәктәпләре юк, ә тел, нигездә факультатив дәресләрдә, гаиләдә өйрәтелә. Сабантуйлар, Тукай кичәләре уздырыла.“Телнең югалуына юл куярга ярамый. Шуңа яшьләребезне Татарстанга җибәреп туган телне, мәдәниятыбызны яхшырак өйрәтәсебез, гореф-гадәтләрне төшендерәсебез килә”, -дип белдерде журналистлар белән әңгәмәдә Синзянь авыл хуҗалыгы университеты профессоры Хәмит Хәкимов.

      Голҗа шәһәре татар мәдәнияте җәмгыяте рәисе урынбасары, Казан югары уку йортларында укучы татар студентлары кураторы Турсунтай Галиев сүзләренә караганда, бүгенге көндә Казанның югары уку йортларында Кытайдан 48 татар студенты белем ала. Беренче чыгарылыш 2011 елда булачак. “Кытайда аз санлы милләтләрне бушка укыталар. Балаларыбыз анда да вузларда укый ала. Ләкин безгә чит җирләрдә яшәгәч, белем алу гына җитми, туган телне, гореф-гадәтләрне, мәдәниятне өйрәнергә дә кирәк. Ә моны бары Татарстан гына бирә ала”, -ди ул. Турсунтай Галиевнең тел төбеннән аңлашылганча, Казанда белем алып кайткан татар яшьләре милләтне агартуда өлкән буынның дәвамчылары булырга тиешле кешеләр. Алар киләчәктә Кытайда татарларга ана телен, мәдәниятен таныту белән шөгыльләнергә, “мин- татар” дип әйтерлек буын тәрбияләргә тиеш.

     

    分享到:

    历史上的今天: