• 2010-10-07

    «ھادى تاقتاش» ھەققىدە قىسقىچە بايان - [تاتار تارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/77019253.html

    «ھادى تاقتاش» ھەققىدە قىسقىچە بايان
      تالانتلىق شائىر،دىرامماتورگ،يازغۇچى ھادى تاقتاش(1931-1901)يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى.ئەنۋەر ناسىرى،لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ زامانداشلىرىنىڭ ئەسلىمىللىرىگە قارىغاندا،ئۇلار تاقتاشتىن يۇقىرى شېئىرى تەپەككۇر،ئوبراز ۋە خارەكتېر،خەلق تىلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆگەنگەن.
    ھادى تاقتاش ماياكوۋىسكىي شېئىرلىرىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن"كەلگۈسىگە خەتلەر"قاتارلىق يىرىك شېئىرىي ئەسەرلەرنى،ئۇندىن باشقا "ئاۋۇل قىزلىرى"،"كامىل"قاتارلىق دىراممىلارنى،"مەرھەمەت"،"قىش ناخشىسى"،"ئۇ كۈنلەردە"گە ئوخشاش ھېكايىلەرنى يازغان.
    ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئاساسەن چاچما شەكىلدە يېزىلغان بولۇپ،ئۆتكۈر،لىرىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن خارەكتېرلىنىدۇ.
    ئومۇمەن، تاقتاش پوئىزىيسى ناھايىتى ئىخچام ۋە پۇختا،بۇنى ئۇنىڭ پۈتۈن شېئىرلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.ئۇ خەلق تىلىنى چوڭقۇر،تەپسىلىي ئۆگىنىپ،ماھىرلىق بىلەن قوللىنىپ،ئۇنى چاچما شېئىردىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەكىلگە خىزمەت قىلدۇرۇپ،يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قوشۇپ،مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشكەن.
    ئۇنىڭ ياشلىق تېمىسىدا يازغان"مۇھەببەت توۋىسى"داستانى بۈگۈنكى كۈنىدىمۇ ئۆزىنىڭ رېئال ئەھمىيتىنى يوقاتقىنى يوق.شائىر بۇ داستاندا زۇبەيدە ئىسىملىك بىر قىزنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەگەك بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن بىر قاتار ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ.شۇنىڭدەك بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئىنقىلابى ئىشلار،ئىنقىلابى غايە ئىكەنلىكىنى،مۇھەببەت بىلەن ئىنقىلابنى بىرلەشتۈرگەن ھەمدە ئۇنى ئىنقىلابنىڭ قوشۇمچىسى قىلغان چاغدىلا،ئاندىن بۇنداق مۇھەببەتنىڭ ئالىيجاناب مۇھەببەت بولىدىغانلىقىنى ئوبرازلىق ھالدا بايان قىلىپ بېرىدۇ.





    مۇھەببەت توۋىسى

    ياشلىق،
    ئۆمرۈڭ قىسقا سېنىڭ،
    شۇنداق قىسقا بولۇپ تۇيۇلىدۇ،
    كېچە چېچەك ئاچقان بولۇپ،
    ھە،تاڭدا ئەمدى قۇيۇلىدۇ...
    مۇھەببەت،
    ئۇ ئۆزى كونا نەرسە،
    لېكىن،
    ھەربىر يۈرەك يېڭىلار ئۇنى،
    ئۇنىڭ ھېسى بىلەن كۆيۈشكە...
    ساراڭ ياشلىق بېرەر يېرىم ئۆمۈرنى.
    يانغان ياشلىق،
    ئۆتكەن مۇھەببەتلەر،
    ئۇلار مەڭگۈ مەندە تىرىلمەس،
    كۆزلىرىم ھەم ھازىر بىر كىمگىمۇ،
    ئىشىق ئوتى ئىزلەپ تىكىلمەس.
    ئەمدى...
    توۋا قىلدىم ئۇ ئىشلاردىن،
    كۆپتىن بېسىلدى ئازغان بۇ كۆڭۈل،
    ئەركى چەكلەنمىگەن يۈرىكىمگە
    ئەقىلنىڭ باشلىق بولغىنى ماقۇل.
    ئەقىل باشلىق بولغان شۇ كۈندىن تارتىپ،
    كۈن-تۈن يىغلار بۇ مىسكىن يۈرەك،
    ھەر كۈن ئېغىش،ھەر كۈن يۈرىكىمگە
    ئەقىل-باشلىق بېرەر نېمە بولسا كېرەك.
    ئېخ،سەن،ياشلىق،
    ئېخ،سەن،ساراڭ ياشلىق!
    شۇنداق قىسقا بولۇپ تۇيۇلدۇڭ،
    كېچە چېچەك ئاچقان بولدۇڭ،
    ھە،تاڭدا...
    ھە،تاڭدا ئەمدى قۇيۇلدۇڭ...
    يازغى بۇلبۇللۇق ياشلىق تېڭىم
    ئۆتتى ئەمدى...
    ئۇنتۇلۇپ كەتتى بەك كۆپ ئىسىملار،
    ئەمدى ياشلار ھازىر كۆيۈشسۇن،
    ئەمدى ياشلار ھازىر سۆيۈشسۇن...
    ھە،مەن...
    ھە،مەن ئۆزەم تامامەن
    توۋا قىلدىم ئۇ ئىش دېگەندىن،
    چەتتىنلا ھازىر كۈلۈپ يۈرىمەن،
    "ئىشىق"
    دېيىشىپ يۈرگەندىن...
    شۇنداقتىمۇ ھازىر،قىزلار،
    خۇدا ھەققى ئۈچۈن،
    مەندىن بىر ئاز چەتنەپ يۈرۈڭلار،
    يا توۋىنى شۇندا بۇزدۇرارسىلەر،
    "ئاشىق"قىلىپ قويۇپ بېرىڭلار!
    ياق،ئاشۇ
    ئىشقىم ھازىر ئىگىسىدە،
    ئېلىپ بولماس ئۇنى قايتۇرۇپ،
    ئۇنىڭ رەسىمىنى بىر كىم،بىر ۋاقىتتا
    ئالالمايتتى كۆڭلۈمنى بۇزدۇرۇپ...
    شۇنىڭ ئۈچۈن تېچ كۆڭۈل بىلەن
    توختاپ مانا مۇشۇ يەردە.
    كۈيلەيمەن زۇبەيدەنىڭ نابۇرچىككە
    بولغان كۈچلۈك ئىشقى ھەققىدە...

    1.زۇبەيدەنىڭ سۈرىتى

    قايسى بىر چاغ دوستۇڭ بىلەن،
    ئولتۇرۇپ،سۆزلىشىپ سۆز تاپالمايسەن،
    ئۈستەل ئۈستىدىن ئېلىپ ئالبومنى،
    سۈرەتلەرنى ماختايسەن...
    شۇنداق ئەزمىلىشىپ سۆزلەشكەندە،
    كۆزلەر بىر سۈرەتكە تىكىلىدۇ،
    قارا بۇلۇتتەك توزىغان چاچلار
    خىيالىڭغا كىرىپ چىرمىلىدۇ...
    -بۇ كىم؟-دەيسەن،
    ھە ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
    -بۇمۇ ھازىر پەرزەنت ئانىسى،
    گۈزەل ئىدى،ئۆي تۇتتى ياپ-ياش،
    ھازىر ئەمدى ئالتە بالىسى...
    دەيدۇ ئۇ،
    ھە،سەن ئالدانغىنىڭنى
    بىلدۈرمەسكە سېلىپ تۇرىسەن،
    ھە،بىر ئازدىن كېيىن:
    -شۇنداق ئىكەن...
    دېگەن بولۇپ،
    ئالبومنى ئاستا يېپىپ قويىسەن.
    گۈزەللىك ئۇ شۇنداق نېمە،
    قىزدا بولسا،
    قورۇم قورۇم يۈزگە ئايلىنار،
    ئەردە بولسا،
    ئۇنىڭ گۈزەللىكى
    ساقال-بۇرۇت بىلەن باغلىنار...
    مۇھەببەت ھەم
    نەپىس گۈزەل چېچەك،
    لېكىن،
    ئۆزى ئەجەپ ئۆمۈرسىز،
    بىر بولسا تۈگەر توي خېتى بىلەن،
    ھە،بىر بولسا...
    ياخشىلار كۆڭۈلسىز...
    زۇبەيدەنىڭ سۈرىتى-
    ئالبومنىڭ
    كۆزگە چۈشۈپ تۇرغان ئورنىدا،
    ئاڭا قاراپ چىققان كىشىلەر
    ھامان سورار ئاشۇ توغرىدا.
    -بۇ كىم؟-دېيىشەر،
    ھە،مەن جاۋاپ بېرىمەن:
    -گۈزەل قىز،-دەيمەن،-
    بولغان كومسومولكا،
    بارچە خەقنى ئۆزىگە قاراتقان،
    ھە،سەن يىگىت
    بىر ئاز كېچىكتىڭ،
    ئۇ بىر نابورچىكنى ياراتقان...

    2.زۇبەيدەنىڭ ئىشقى

    بۇلبۇللۇق تاغلار،
    چوڭ ئورمانلار
    ئۇنىڭ ئىشقىنى بېزەلمىدى،
    يازغى زەڭگەر كۆكنىڭ يۇلتۇزلىرى،
    گۈزەللىنىپ كۆكتە يانمىدى...
    ئۇنىڭ ئىشقى كۆزىدە چېچەك ئاتتى،
    ئىشتا،
    مەجلىستە،
    ئورماندا،
    كۆڭۈل يازى شاۋقۇنلاپ ئۆتتى ئۇنىڭ،
    تەڭگە قارلار ياغقان بوراندا...

    ھەي كۈيلىگىڭ كېلەر مۇشۇ كۈينى،
    بۇ كۈي شۇنداق يېقىن كۆڭۈلگە،
    گۈزەل ناخشىدەك ياشلىق تېڭىم،
    شاۋقۇنلاپ ئۆتتى...
    شاۋقۇنلاپ ئۆتتى ئەمدى ئۆمۈردە...
    ئېخ!
    -زۇبەيدە،بار بۈگۈن مەجلىسكە،
    ئاندا ئۇنىڭ بۈگۈن دوكلاتى،
    ساڭا يەنە كۈلۈمسىرەيدۇ،
    كېلىدۇ بىللە ئۇزاتقان پېتى...
    -زۇبەيدە،بار بۈگۈن تىياتىرغا،
    بەلكى ئاندا ئۇنى كۆرەرسەن،
    ئۇنىڭ بىلەن زالدا يۈرەرسەن...
    -زۇبەيدە،سەن بارما تىياتىرغا،
    يۈرمە،باغرىم،ئۇنىڭ ئىزىدىن،
    ساقلانغايسەن يىگىت كۆزىدىن...

    قىزىق كۈنلەر شۇنداق ئۆتكەن،
    مىنۇتلاردىن ئىزلار قالمىغان،
    ياشلىق ئۆزىنىڭ ئىللىق قۇچىقىدا،
    زۇبەيدەنى ھامان ئالدىغان...
    ھە بىر كۈنىسى...
    نابورچىك ئۇنى،
    مېھمانغا چىللىغان،
    ئۇلار بىللە ئولتۇرغان،
    ئاخىرى
    بۆلۈمدە ئوتمۇ ئۆچكەن،
    ئۇلار ئىككىسى
    تۈن قاراڭغۇلىقىدا قالغان...
    تۈن قاراڭغۇ بولغان...
    كېچىچە
    ئاپئاق قارلار يەرگە ياغقان...
    .........................
    ئۇ كېچە ئاي كۆكتە ئىش تاپالماي
    ئىچى پۇشۇپ تەمتىرەپ يۈرگەن،
    ئۇ تۈندە ئەۋخەدى يولغا چىقىپ،
    قايتىپ كىرگەن قورقۇپ بۆرىدىن...
    مۇشۇ تۈندە گېمادى،ئىت ھاۋشىسىمۇ،
    شېرىن ئۇيقۇدىن كەچمىگەن،
    شەكور ئوغرى لاپاستىن
    كۆك ئايغىرنى ئوغرىلاپ كەتكەن...
    لېكىن
    مۇشۇ كېچىدە زۇبەيدەنىڭ
    نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەن،
    قېرى ئانىسى تۈن نىسبىگە قەدەر
    نە ئۈچۈندۇر ئۇنى ئىزلىگەن...
    پەقەت،
    مەخمۇت تۇرغان يۇرتتا
    بىر سىتۇدېنىت،
    قىيا ئوچۇق قالغان ئىشىكتىن
    زۇبەيدەنىڭ:
    "مەخمۇت،باغرىم،قويۇۋەت!"دېگەن
    يىغا ئارىلاش ئاۋازىنى ئىشتكەن...

    يىللار ئۆتكەن...
    تەڭگە قارلار ياغقان،
    ئاپئاق قارلار،
    ھە،زۇبەيدە ئىشقا بارمىدى،
    كىرپىكلىرى يەرگە تىكىلەر ئۇنىڭ،
    نابورچىكى ئۇنى ئالدىدى...

    3.زۇبەيدەنىڭ خېتى

    "...ئالداپ كېتەر دېمىگەن سېنى،
    ۋەدە بەردىڭ،
    زارىقتۇرۇپ كۈتكۈزدۈڭ مېنى...
    ھە،سەن؟...
    نېچۈن ئەمدى شۇنداق قىلمىدىڭ؟
    يەنە يازىمەن،
    ساڭا بىر سۆزۈم بار،
    بەك مۇھىم...كەچتە مەن ئۆيدە.
    كېلەرسەنمىكىن؟
    كۈتىمەن.
    كوم سالىمى بىلەن:زۇبەيدە..."

    لېكىن ئۇ كەلمىدى.
    ئۇنىڭغا نېمىدى،
    قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولغان.
    ئالمىدەك گۈزەل زۇبەيدەمىز
    ئۆزى سۆيگەن،ئۆزى...
    -زورلانغان...

    4.خوتۇنسىز ئاي

    ھە،ئاي كۆكتە ھامان تەمتىرەپ يۈرەر،
    شامال يوقلار پەقەت تۈن بىلەن،
    ئاينىڭ خوتۇنىمۇ يوق،
    ئاي يالغۇز ئۇ،
    ئۆتكۈزەر تۈننى ئاخىر كىم بىلەن...
    شامال،خەيرىسىز،بېرىپ يوقلىمىسا،
    يەردە ئۇنداق-بۇنداق ئەتكىلى،
    تۈندە يۈرگەن بەزى كىشىلەرنىڭ
    بۆكلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكىلى...
    ھە،ئاي كۈلەر،
    ئايغا قىزىق بولار،
    ئاي يالغۇز ئۇ قېرىلىق كۈنىدە،
    ئۆيلىنەلمەي قالغان،
    شۇنىڭ ئۈچۈن
    قايغۇ نۇرى كۆرۈنەر يۈزىدە...
    زۇبەيدەنىڭ ئانىسى كۆينەك تىكەر،
    سانچىپ-سانچىپ ئالار يىڭنىنى،
    زۇبەيدەنىڭ سىڭلىسى ئويناپ يۈرەر،
    ئاھ گۈزەل!
    كۆزۈم تەگمىسۇن...

    5.زۇبەيدە ھەم ئاي

    ئايمۇ يالغۇز،
    بىزنىڭ زۇبەيدەمۇ،
    ئايغا قاراپ ئولتۇرىدۇ،
    ھامان كۈلۈپ تۇرغان چوڭ كۆزلىرىنى
    قانلىق ياشلار بىلەن توشقۇزىدۇ...
    "ئېخ،سەن،ياشلىق،
    ئېخ،سەن،ساراڭ ياشلىق!"
    شۇنداق قىسقا بولۇپ تۇيۇلدۇڭ،
    كېچە چېچەك ئاچقان بولدۇڭ،
    ھە،تاڭدا...
    ھە،تاڭدا ئەمدى قۇيۇلدۇڭ...

    زۇبەيدە،
    ئۇ تېزدىن ئانا بولۇر،
    دوختۇر شۇنداق دېگەن ئۇنىڭغا،
    "يۈرەك،
    يان سەن،يان سەن،يۈرەك،
    قان بېرىلگەن يانسۇن دەپ ساڭا!"
    ھە،سەن نەدە،ئاتا بولغۇچى؟
    شۇنداقمىدى سېنىڭ سۆيگۈڭ،
    شۇمۇ ئەمدى،سېنىڭ:
    ئەركىن سۆيگۈڭ،
    يېڭى تۇرمۇش دەپ يۈرگۈنۈڭ؟...
    كەچتە يانغان ئوتلار تاڭدا ئۆچەر،

    كېچە يەنە قوينىغا ئالار،
    زۇبەيدەمىز بۈگۈن بالىنى كۈتەر،
    ئۆزى نابورچىكنى سېغىنار...
    مانا بالىسىغا كۆينەك تىكەر،
    سانچىپ-سانچىپ ئالار يىڭنىنى،
    زۇبەيدە!
    ئېيتقىن،كىمنى شۇنداق،
    شۇنداق سېغىنىپ كۈتىسەن كىمنى؟...

    6.ئاچچىق شامال

    كوچا بويلاپ شامال بىر مەست بىلەن
    تاماشا قىلىپ قايتار،
    ھە،ئەبەي بوۋاي،
    قوپال،
    كۈرەك تۇتۇپ،
    يۇرت ئالدىدا قارنى ئادالار.
    -بۇ نە ھال بۇ؟-دېدى شامال كۈرىدى-دە،
    نېمە دەيسەن ئەمدى بۇلارغا،
    ئاچچىقلىنارمەن،
    شۇنداق ئىشنى كۆرۈپ،
    قولۇم بارماس ئىشلارغا!-
    مەن تاغ دۆۋىلەپ كېتىمەن،
    چىققان پېتى شۇنى كۆرۈشەر،
    مەن گۈزەللەشتۈرىمەن،
    ئۇلار چىقىپ دەسسەپ يۈرۈشەر...
    تۈفېي!
    دېدى-دە،
    ئۆزى چوڭ كوچىدىن،
    يىرىك-يىرىك قارغا چامدىدى،
    ئاچچىقلىنىپ قارلارنى توشۇپ،
    پۈتۈن كوچىلارنى قاپلىدى...
    تاڭ قالسۇن دەپ كوچا تازىلىغۇچىلار
    شامالنىڭ بوۋىللىرىنى تىللىدى،
    ھە،شۇ تۈندە بىزنىڭ زۇبەيدەنى
    بالنىستقا يوللىدى...
    ... ... ... ... ...
    نەدە سەن،ئەي،ئاتا بولغۇچى كىشى،
    شۇمۇ ئەمدى سېنىڭ سۆيۈشۈڭ،
    شۇمۇ ئەمدى سېنىڭ زۇبەيدەگە:
    "كومسومولكام،باغرىم!"دېيىشىڭ؟

    7.مۇھەببەتنىڭ ئاخىرى

    قان ئىچىدە ياتقان زۇبەيدەنى
    ئاق ياستۇققا ئاستىلاپ قويدى،
    كۆزىنىڭ چەتلىرى كۆپكۆك.
    لەۋلىرى-
    قارا كۆمۈردەك يانماقتا ئەمدى...
    ئۇ جىمجىت ياتار،
    ئۇنى بىرەر نەرسە
    بېسىپ تۇرغان كەبى سېزىلەر:
    "توختا،يىغا ئاۋازى كېلەر،
    بالا يىغلار...
    كىمنىڭ بالىسى؟
    نېچۈن ئۇ يىغلار...ھە نېچۈن ياستۇقتىن
    بېشىنى كۆتۈرەلمەس ئانىسى؟
    توختا...
    نېچۈن ئېغىر شۇنچە؟
    بىرەر نەرسە...
    كۆز ئالدى ھەم شۇنداق قاراڭغۇ..."
    ئۇ كۆز يۈگۈرتتى،
    توساتتىن ئېغىر ھالدا:
    -كۆرسەتسىڭىز،-دېدى،-بالامغۇ!
    ... ... ... ... ... ... ...
    ئانا،
    بۈيۈك ئىسىم،
    ئۇنىڭغا نېمە يېتەلەر قېنى،
    خوتۇنلارنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكى
    پۈتۈن كۆركى ئانا بولغىنى...
    بالا يىغلار،
    گۈزەل يۇرت ئىچىدە
    كىچىك بىر بالا يىغلار،
    كىمنىڭ بالىسى؟
    نېچۈن ئۇ يىغلار؟
    ھە،كۆرەي دەپ
    نېچۈن كەلمەس سۆيگەن ئاتىسى؟...
    تالادا ئاخىرقى قارلار ياغار،
    ئۇلار ئەمدى
    قىشنىڭ قارى كەبى توڭلىماس.
    تالادا ياز شامىلى چىقار،
    ئۇلار ئەمدى سالقىن بولالماس...
    قارلار ئېرىپ،
    ئىللىق تەرگە پېتىپ
    قار ئاستىدىن ماي ئېيى چىققان،
    ھە،كوچىدا يازنىڭ كېلىشىنى بىلمەي،
    يىغلاپ ئولتۇرار كىچىك ئاسلان...
    -يىغلىما ئۇنداق،
    دۇنيا گۈزەل نەرسە،
    سەن مېنىڭدە مېھمان بولارسەن،
    دوستلۇقۇمنى بىلىپ ،ئالدىمىساڭ،
    ئوغرىلىمىساڭ مەندە تۇرارسەن...
    ئاناڭ،توۋپىقسىز،تاشلاپ كەتكەن،
    ئاتاڭ،ياۋۇز،بىلمەيدۇ سېنى.
    قېرىنداشلىرىڭمۇ يوق،
    شەھەر دېگەن شۇ،
    تونۇيسەن بۇندا كىمنى؟
    شۇنداق دوستۇم!
    سىزنىڭ مۈشۈك جەمەتى
    ئاسلانلارنى تاشلاپ كېتىشكەن.
    مۈشۈك جەمەتىلا ئەمەس،
    ئىتلار،ئېيىقلار ھەم،
    كىشىلەر ھەم شۇنداق يۈرۈشكەن...
    يارايدۇ سىزنىڭ مۈشۈك جەمەتلىرى،
    ھەر نە بولسا تۇغىدۇ تىرىك،
    ھە،بەزى خەقلەر
    پەرزەنت تېپىشتىن قورقۇپ،
    قورساقتىلا قىلىدۇ ئۆلۈك.
    يۈر،كەتتۇق!
    ياش چاغلىرىمدا
    مۈشۈك دوستلىرىم كۆپ ئىدى،
    سەن ھەم شۇنداق مېھمان بولارسەن،
    يازغا قەدەر مەندە تۇرارسەن
    ... ... ... ... ... ... ...
    بالا يىغلار،
    گۈزەل يۇرت ئىچىدە
    سەبى بىر بالا يىغلار...
    كىمنىڭ بالىسى؟
    نېچۈن ئۇ يىغلار؟
    ھە،كۆرەي دەپ
    نېچۈن كەلمەس سۆيگەن ئاتىسى؟...
    -ئاتىسى ئۇنىڭ بەلكى مەڭگۈ كەلمەس،
    ئوغلىنى بەلكى مەڭگۈ كۆرەلمەس...
    ئوغلى ئۆسەر،جەسۇر،گۈزەل بولار
    ئاھ،ياق!
    ئاتا كۆڭلى كۆرمەي چىدالماس!
    توختا!
    ئىشىك ئېچىلىپ بىرسى ئەركىنغىنە
    زۇبەيدە سايان چامدىدى،
    كۆز ياشلىرى يەڭدى ئۇنى،
    تۇيۇقسىز بۇرالدى-دە
    يۈزىنى قولى بىلەن قاپلىدى:
    -زۇبەيدە،سەن كەچۈر مېنى!-دېدى-دە،
    ئۆزى زۇبەيدەنىڭ
    كۆكرىكىگە كېلىپ تاشلاندى...
    ... ... ... ... ... ...
    ئۇلار كېلىشىپ قالدى...

    ھە،بەش كۈندىن كېيىن
    توي خېتى بىلەن تۇرمۇش باشلاندى...
    ھە،ئاي كۆكتە ھامان تەمتىرەپ يۈرەر،
    شامال يوقلار پەقەت تۈن بىلەن،
    ئاينىڭ خوتۇنىمۇ يوق،ئوغلىمۇ يوق،
    تۈننى ئۆتكۈزەر ئۇ ئاخىر كىم بىلەن؟...
    شامال،قۇرغۇر،بېرىپ يوقلىمىسا،
    يەردە ئۇنداق-بۇنداق قىلغىلى،
    تۈندە يۈرگەن بەزى كىشىلەرنىڭ
    بۆكلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكىلى.
    ھە،ئاي كۈلەر،
    ئايغا قىزىق بولار،
    ئاي يالغۇز ئۇ قېرىغان كۈنىدە،
    ئۆيلىنەلمەي قالغان،شۇنىڭ ئۈچۈن
    قايغۇ نۇرى كۆرۈنەر يۈزىدە...


    1927-يىل
    تاتارچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:بوغدا ئابدۇللا
    (1952-يىلى قازاندا نەشىر قىلىنغان"ھادى تاقتاش تاللانما ئەسەرلىرى"دىن).

    ======
    دۇنيا ئەدەبىياتى 1982-يىللىق4-سانىدىن ئېلىندى.
    分享到: