• 2010-09-30

    ئالسۇنىڭ ناخشىچىلىق ھاياتى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/75983720.html

    ئالسۇنىڭ ناخشىچىلىق ھاياتى

                                    

     


         ئالسۇنىڭ تاتارچە تولۇق ئىسمى   ئالسۇ رالىف قىزى ئابراموۋا بولۇپ، ئۇ 1983-يىلى 27-سەپەردە روسىيە تاتارىستاننىڭ بۆگېلمەدە تۇغۇلغان. ئۇ 2000-يىلى ياۋروۋىژىن ناخشا مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ ياۋرۇپاغا تونۇلۇلغان.
        ئالسۇنىڭ ئاتىسى رالىف رافىلوۋىچ سافىن بولسا روسىيەنىڭ سىياسى سەھنىسىدىكى داڭلىقلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ LUKoil نېفىت شىركىتىنىڭ سابىق باشقۇرچىسى ۋە دۆلەت كېڭەش پالاتاسىنىڭ دائىملىق ئەزاسى ھەم روسىيە پارلامىنتىنىڭ  ئۈستۈن ھەيئىتى  ئىدى. ئۇ ھەم سوچى پۇتبول كوماندىسى جېمچۇجىنانىڭ ئىگىدارچىسى بولۇپ 2004-يىلى فوربىس ژورنىلى تەرىپىدىن   100-روسىيەلىك باي دەپ باھالانغان. ئۇنىڭ ئانىسى رازىيە ئىسخاكوۋنا بولسا بىر ئارخىتېكتور.ئالسۇنىڭ رىنارد ئىسملىك بىر ئىنىسى ۋە مارات ئىسملىك بىر ئاكىسى بار. ئالسۇنىڭ مىللىتى تاتار.
          ئالسۇ بىر ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئائىلىسى تاتارىستاندىن سىبىرىيەگە كۆچۈپ كېلىدۇ. 8ياشقىچە ئۇ چوڭ دادىسى ۋە چوڭ ئاپسى بىلەن سىبىرىيەدە ياشايدۇ. 5ياشقا كىرگەن يىلى ئالسۇ ئاتا-ئانىسىدىن بىر پىئانو ئېلىپ بېرىشنى سورايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر خۇسۇسىي كۈي مەكتىپىكە ئوقۇشقا كىرىدۇ.  ئۇ ئاتىسىنىڭ خىزمەت ئىشى بىلەن موسكىۋادا بىر مەزگىل ياشايدۇ. ئارقىدىن نىيۇيوركقا بارىدۇ، كېيىنچە ئەنگىلىيەگە بېرىپ بىر خۇسۇسىي ئارخىتېكتور ئالى مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. ئۇ لوندوندا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا دائىم روسىيەنى زىيارەت قىلىپ تۇرغان.1998-يىلى ئالسۇ، موسكىۋا دەرياسىنىڭ قىرغىقىدا ئۆتكۈزگەن ئاكىسى ماراتنىڭ تويىدا، پىئانونىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ «مەن سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن»"I Will Always Love You" نى ئورۇنلايدۇ. ئۇنىڭ بۇ شەخسىي ئورۇنلىشىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭغا كەسپى ناخشىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەسلىھەت بېرىدۇ.
        15يشىدا ئالسۇ كۈي مەنىجىرى ۋالېرى بېلوت سېركوۋسكيغا تونۇشتۇرىلىدۇ. ئۇ يەنە بىر قېتىم «مەن سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن»نى ئورۇنلاپ مەنىجىرنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ ئالسۇ بىلەن ئىشلەشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن تارقاتقان روسچە دېبۇت ئالبۇمى 1999-يىلى 16-مىزاندا تارقىتىلىدۇ. بۇ ئالبۇم ۋە ئۇنىڭ ئۈچ تاق ناخشىسى: «زىمىستاندىكى چۈش(زىمنىي سون)»، «باھار(ۋىسنا)» ۋە «بەزى چاغلاردا(ئىناگدا)»  روسىيەدە چوڭ شۆھرەت قازىنىدۇ.بۇ زور نەتىجىدن كېيىن ئالسۇ ئۇنىۋېرسال كۈيىنىڭ روسىيە شىركىتى بىلەن توختاملىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇنىۋېرسال كۈيى بىلەن توختاملاشقان بىرىنچى يەرلىك ئەرتىس بولۇپ قالىدۇ.
                        
       2000-يىلى ئالسۇ بىرىنچى ئىنگىلىز تىلىدىكى تاق ناخشىسى «سولو»نى ئۈنگە ئېلىپ تاماملايدۇ. روسىيەدە«سولو»نىڭ يۈزمىڭدىن ئارتۇق كوپىيەسى سېتىلىپ، روسىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ سېتىلغان تاق ناخشا بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ رېكوردىنى يەنە ئۆزىنىڭ تاق ناخشىسى، ئېنىركى ئىگلېسىئاس بىلەن ئورۇنلىغان«سەن مېنىڭ بىرىنچىم»"You're My #1"بۇزۇپ تاشلايدۇ.

                                          2000-يىلى ياۋروۋىژىندىكى يەنە بىر قېتىملىق غەلبىسىدىن كېيىن ئالسۇ روسىيەدە چوڭ تىپلىق سەييارە ئويۇن باشلايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ 17ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە ئانا يۇرتى بۆگېلمەدە ئويۇق قويىدۇ.120مىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ 86مىڭى مەيداندا ئۇنىڭ ئوينىنى كۆرىدۇ.
        2005-يىلى ئوغۇزدا دانىيەنىڭ كوپېنخاگندىكى ياۋروۋىژىننىڭ 50يىللىقىنى تەبرىكلەش كونسىرتىدا، ئالسۇ «سولو»نى قايتا ئورۇنلايدۇ.
         2001-يىلى  28-سەپەردە ئالسۇ ئۆزىنىڭ ”ئالسۇ“ئىسملىك دېبۇت ئىنگىلىزچە ئالبۇمىنى تارقىتىدۇ. بۇ ئالبۇم يەنە گىرمانىيە، نورۋىگىيە، پولشا، چېخ رىسپۇبلىكىسى ۋە مالايسىيەلەردە تارقىتىلىدۇ.
        روسىيەدىكى ترىلوگىيە كونسېرتىدىن كېيىن 2003-يىلى 23-قەھرىتاندا،ئالسۇ ئىككىنچى روسچە ئالبۇمى ”19“نى تارقىتىدۇ. بۇ ئالبۇم ئوبزورچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ، ئۈمۈتتە 500مىڭ كوپىيەگىچە سېتىلىدۇ. ”19“دا ئېسىل ناخشىلاردىن «بەرىبىر»(فسيو راۋنو)، «تۈنۈگۈن»(ۋېچىرا)، «بىرىنچى قېتىم»(بېرۋي راز)، «بۇلۇتلار ئۈستىدە ئۇچۇش» ۋە «ئاتا»(ئەتكېي، تاتارچە)قاتارلىقلار بار بولغان.

                                       ”19“نىڭ غەلبىسىدىن كېيىن 2003-يىلى 5-سەپەردە ئالسۇ ”مۇز-تى ۋى“ ئورۇنلاشتۇرغان بىرىنچى قېتىملىق ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك كۈي مۇكاپاتىنىڭ «ئەڭ ياخشى ئايال ئەرتىس» مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلىدۇ. پۈتۈن روسىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋاز قوشىدۇ، ئالسۇ ھاياجان ياشلىرىنى توختىتالماي قالىدۇ.
        بىرىنچى ئىگىلىز ئالبۇمىنى چىقىرىپ تۆت يىلدىن كېيىن ئالسۇ ئىككىنچى ئىنگىلىزچە ئالبۇمى«ئىلھاملىنىش»(Inspired)نى تارقىتىدۇ.ئالسۇ ۋە مورتىن شوجولىن تەرىپىدىن يېزىلغان«ھەرۋاقىت خىيالىمدا» دېگەن ناخشىنىڭ كۈي ۋىدىيوسى داڭلىق رېجىسسور جوسىف كائىن تەرىپىدىن ئىشلىنىدۇ.
                                  2006-يىلى ئالسۇ توي ناخشىسى «مۆجىزە»(Miracles)نى ئۈنگە ئالىدۇ.
         2008-يىلى 31-نەۋرۇزدا ئالسۇنىڭ ئۈچىنچى روسچە ئالبۇمى « مۇھىم ئىش»(سامي گلاۋنا) روسىيە ئۇنىۋېرسال كۈيى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.بۇ ئالبۇم نۇرغۇن تاتار تىلىدىكى ناخشىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئالبۇمدىن كىرگەن تاپاۋەتتنىڭ ھەممىسى ئالسۇ ۋە ئۇنىۋېرسال كۈيى تەرىپىدىن تاتارىستاندىكى تالانتلىق يېتىم باللارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىئانە قىلىنىدۇ.
        ئالسۇ يېقىندا روسچە جەز ئالبۇمى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.
      شەخسىي تۇرمۇشى
       2006-يىلى 18-نەۋرۇزدا ، ئالسۇ مىليونىر يان ئابراموۋ بىلەن توي قىلىدۇ. شۇ يىلى 7-مىزاندا ئۇلارنىڭ قىزى لوس ئانجىلىستا تۇغۇلۇپ، سافىنا دەپ ئات قويۇلىدۇ.   2008-يىلى 29-ئۈمۈتتە ئالسۇ يەنە بىر قىزىغا ھاياتلىق بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مىكېللا دەپ ئات قويىدۇ
    .

    分享到: