• 2010-09-21

    تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/75391101.html

    تاتارىستان  جۇمھۇرىيىتى
     
    بايرىقى 
      

    گىربى
       
     
      
    جايلاشقان ئورنى
     
      


      شەرقى ياۋرۇپا تۈزلەڭلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، ئېدىل (ۋولگا) دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، روسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرى بىلەن ئېدىل دەريا رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شىمالدىن جەنۇپقا كەڭلىگى 290 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 460 كىلومېتىر كېلىدۇ.
    زېمىنى: 68000 كۋادرات كىلومېتىر
    كىلماتى: موتىدىل بەلباغ قۇرۇقلۇق تىپىغا تەئەللۇق. قىشلىق ئوتتۇرىچە تېمپۇراتۇرىسى15-......25
    سېلسىيە گىرادۇس. يازلىق ئوتتۇرىچە تېمپۇراتورى 17....25 كىچە. يىللىق ھۆل-يېغىم مىقتارى 430-500 مىل گىچە. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش ۋاقتى 170 كۈن.

    يەر تۈزۈلىشى: تاتارىستان زېمىنىنىڭ %90 تى تۈزلەڭلىك بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 200 مېتىر ،زېمىنىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىشى %16
    تەبىئىي بايلىقى: تاتارىستاننىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، كۆمۈر بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ بايلىقلار تاتارىستاننى روسىيە فېدىراتسىيەسىدىكى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندۇرغان.
    تارىخى: 100 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئىنسانلار ياشاشقا باشلىغان. 7
    مىلادى9-ئەسىردە تۈركلەر تۇنجى بولۇپ تاتارىستاندا بۇلغار دۆلىتىنى قۇرغان.
    922-يىلى بۇلغار دۆلىتى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان.
    1236-يىلى مۇڭغۇللار بېسىپ كىرىپ، ئالتۇن خانلىقىنى قۇرغان.
    13-15- ئەسىرگىچە مۇڭغۇللار تۈركلەرگە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ، زاۋانلىققا يۈزلەنگەن.
    15-16- ئەسىرگىچە ئالتۇن خانلىقى، قازان خانلىقى، ئاستىرخانلىقى قاتارلىق تۆت خانلىققا پارچىلىنىپ كەتكەن.
    1552-يىلى روسلار قازان خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ، تاتارلار ئۈستىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك تاجاۋۇزىنى باشلىغان.
    1920-يىلىدىن 1990-يىلىچە 70يىل تاتارىستان سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى روسىيە جۇمھۇرىيىتىگە تەئەللۇق ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ تۇرغان.
    1991 يىلى مۇستەقىل بولغان.
    1992-يىلى 3-ئاينىڭ 21 -كۈنى پۈتۈن خەلق ئاۋازغا قۇيۇپ %61.4 ئاۋاز بىلەن تۇلۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. لېكىن جۇغراپىيىلىك ئورۇنلىشىشىنىڭ ئەپسىزلىكى تۈپەيلى، 1994-2-5 روسىيە فېدىراتسىيىسى بىلەن تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى شەرتنامە ئىمزالاپ، تاتارىستان دىپلوماتىيە، تاشقى سودا، باج، مالىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، مائارىپ، قاتارلىق جەھەتلەردىن پۈتۈنلەي ئۆزىگە -ئۆزى خوجا بولىدىغان ئاساستا، روسىيە فېدىراتسىيىسىنى تەشكىل ئەتتى. ئۇ روسىيە فېدىراتسىيىسىدىكى ئەڭ ھوقوقلۇق، ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە دۆلەت. سىرتقى دۆلەتلەرگە چىقىشتا، ئۆز دۆلىتىنىڭ پاسپورتىنى ئىشلىتىدۇ.
    تاتارىستان 43 رايون، جۇمھۇرىيەتكە قاراشلىق 10 شەھەر، رايونغا قاراشلىق 8 شەھەر،9 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 24 كىچىك شەھەر، 833 مەھەللىدىن تەشكىل تاپقان. 6

    ئاھالىسى: تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاھالىسى 3.777.265 بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئاھالىسى %75تاتارلار پۈتكۈل جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ %51 تەشكىل ئېتىدۇ. روسلار %35%نى، قالغان تۈركىي مىللەتلىرى %16 نى تەشكىل ئېتىدۇ.
    ئىقتىساد ۋە سانائەت ئەھۋالى: تاتارىستان سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكتە ئىشلىتىدىغان چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش، قېدىرىش ماشىنا ئۈسكىنلىرىنى، كىنوچىلىك ئەسلىھەلىرى، داۋالاش ماشىنا ئەسۋاپلىرى، كاماز ماركىلىق ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتلەردە روسىيە فېدىراتسىيىسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
    نېفىت، گاز ئىچىش كەسپى، خىمىيە سانائەت كەسپى، نېفىت سانائەت كەسپى، ماشىنا ياساش كەسپى، يېنىك سانائەت كەسپى، يىمەكلىك كەسپى قاتارلىق كەسىپلىرى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان.
      
    تاشقى سودا: نېفىت، تەبىئى گاز ئېكىسپورت قىلىش، ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسى، كاماز ماشىنا ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، بىرىكمە ماتېرىيال، ئايرۇپىلان، ماشىنا، دورا ماتىريالى، كىنوچىلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئېكىسپورت قىلىدۇ.
    رەڭلىك مېتاللار، ياغاچ، سىمونت قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. 5
    پەن-تېخنىكا، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى: تاتارىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسىنى مەركەز قىلىپ، پۈتكۈل روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ دۆلەت خاراكتېرلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى جايلاشقان. تاتارىستاندا 70 تىن ئارتۇق تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بار. پۈتكۈل جۇمھۇرىيەتتە 89 ئالى مەكتەپ، 7 ئىجادىيەت جەمئىيىتى
    ، 2100 كولۇب، 1600 كۈتۈپخانا، 110 ئۆسمۈرلەر سارىيى، 5 باغچا، 1 ھايۋاناتلار باغچىسى، قازان سىتودىيىسىنىڭ 5 تارقىتىش ئاپاراتى ۋە 43 كىنوچىلىك ئاپاراتى بار. جۈملىدىن پۈتكۈل روسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى.

     

     

    分享到:

    历史上的今天: