• 2010-06-19

    تاتارخەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەرىكىسى سابان توي - [ساياھەت خاتىرلىرىم]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/66485372.html

    تاتارخەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەرىكىسى سابان توي

    غىززەتوللا ئەنۋەر

    تاتارخەلقى باشقامىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس مەدەنىيەتكەئىگە،تاتارلار ياراتقان ئاشۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى_ئەجىر-مېھنەت ئارقىلىق بايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان(سابان توي)دۇر.يازما ماتىرياللاردا (سابان توي)تاتارلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشى بىلەن بىللە پەيدابولۇپ،ئۇزاق تارىخىي جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
    تاتارخەلقى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئىشچان،ئەقىل-پاراسەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇلار ئەمگەك بىلەن ئىگىلىك تىكلەشنى،مىھنىتىگەيارىشاھالاۋەت كۆرۈشنى ھەمدەماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇپ،ھەرئىككىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشنى چىقىش قىلغان ھالدائەتىيازلىق تېرىلغۇدىن كېيىن،كۈزلۈك يىغىمدىن بۇرۇنقى بوش ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ،ئاممىنى بىردەستىخانغاجەم قىلىپ،ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ھەم بۇ توينى خاتىرلىگەن ،ھەم كىشىلەرنى،بولۇپمۇ ياشلارنى جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە ئۈندەپ،كۈزلۈك يىغىم-تېرىمدىن مول-ھوسۇل ئېلىشقا يېتەكلىگەن.سابان توينى تاتارخەلقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ،يەنى ھەريىلى تاتارخەلقى زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە،تارقاق ئولتۇراقلاشقان رايونلاردابىرنەچچە ئائىلە بىرلىشىپ كىچىك كۆلەمدەداغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان،مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەنئەنىۋى مەرىكە.
    سابان سۆزى ساپان سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ،ئۇبۈك-باراقسان باغلاردا،ئورمان-توقايلىقلارداۋەچىمەنلىكتە چوڭ-كىپىك،ئەر-ئايال،قېرى-ياش ھەممە بىريەرگە يىغىلىپ،تەشكىللىك،پلانلىق،تەرتىپلىك ھالدائۆتكۈزۈلىدىغان مەرىكە،شۇنداقلاجىر-جىرلاپ،سازچىلىپ،ناخشا ئېيتىپ،دوستلۇقنىڭ،خوشللىقنىڭ،چىدامچانلىقنىڭ سىمۋوللۇقىنى نامايەن قىلىدىغان مەرىكە،بۇتوينىڭ قانداق توي ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى سابان توي جىرلىرىدىن چۈشىنىۋىلىشقا بولىدۇ:
    سابان توي ئەمگەك توي،
    شادلىق ھەم بەخت تويى.
    ئويناپ-كۈلۈپ،جىرجىرلاپ،
    توي تويلايمىز كۈن بويى.
    دىمەك سابان توي كىشىلەرنى مەدەنىيەتلىك،ئەخلاقلىق بولۇپ،مىللەتلەربىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ،كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن زامانغا ماسلىشىشقا،كەمبەغەل-يوقسۇللارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ،ئورتاق ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ.
    تاتار خەلقى ئەزەلدىن تەنىئەتنى ئاسرىغۇچى،تەبىئەتنى قوغدىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغانلىقتىن سابان توينى تەبىئىي كۆرۈنۈشى گۈزەل بولغان دەريا-كۆل بويلىرىدا،بۈك-باراقسان ئورمانلارداۋە چىمەنزارلىقلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.مۇشۇمەرىكە ئارقىلىق توي ئەھلىگە بولۇپمۇياشلاربىلەن ئۆسمۈرلەرگە تەبىئەتنى سۆيۈش،تەبىئەتنى قوغداش تەربىيىسى بىرىلىپ،يىشىلزارلىقلارنى بۇزماسلىق ،مۇنبەت يەرلەرنى قوغداش تەكىتلىنىدۇ.
    مەرىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى
    1.    پاكىزلىق ئاتا قىلىدۇ.سابان توينى ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن خۇددى روزاھېيىت،قۇربان ھېيىتقا ئوخشاش ئومۇميۈزلۈك تازلىق ئېلىپ بىرىلىپ،مىھمانلارغا شادلىق ،ئازادىلىك ۋە مېھرىبانلىق بېغىشلىنىدۇ.
    2.    ياكلىق ئاتاقىلىدۇ.بۇ توي ئارقىلىق دوستلۇق،پاك-دىيانەتلىك ،باراۋەرلىك تەكىتلىنىدۇ.ئەگەرئىلگىرى ئۆزئارابىر-بىرىدىن رەنجىشكەنلەربولسا،بۇتويدابىر-بىرىنى ئەپۇقىلىشىدۇ،دوستلىشىدۇ.شۇنداق قىلىپ،كۆڭۈلدىكى تۈگۈنلەريىشىلىپ ،دوستلار كۆڭلى ئەمىن تاپىدۇ.
    3.    جاسارەتلىك ئاتا قىلىدۇ.ئىشلىمەي چىشلەيدىغانلاردىن،بىكارتەلەپ،ھورۇنلاردىن بولماسلىق،ھالال ئەمگىكى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تەكىتلىنىدۇ.جاپا–مۇشەققەتتىن قورقماي،جاسارەت بىلەن ئىگىلىك تىكلەش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
    4.    شادلىق بېغىشلايدۇ.تويدا ئاتاقلىق جىرچىلارنىڭ جىرلىرىنى ،سازەندىلەرنىڭ جەلپكار،جەزبىدار مۇزىكىلىرىنى تىڭشاپ،نازكەرەشمىلىك،قىزىقارلىق ئۇسسۇللارنى كۆرۈپ ھوزۇرلانسا،ئۇرۇق–تۇغقان،دوست–بۇرادەر،يارەنلەرشادلىققاچۆمۈپ،يىقىملىق توي تەنتەنىسىگەجۆربولۇپ،كەڭ–كۇشادەپىكىرئالماشتۇرىدۇ.بۇ ئارقىلىق توي ئەھلى روھى جۇشقۇن،كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ قايتىدۇ.
    سابان تويىنىڭ تەييارلىقى
    مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈشتىن بىر ئاي بۇرۇن تۈرلۈك تەييارلىقلار جىددى باشلىنىدۇ.
    1.    بىبى جامال رومالىنى يىغىش(بىبى جامال-چىۋەر،ئىشچان،ئەقىللىق ئايال زاتىغا قارىتىلغان).بۇ،مەرىكىنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر،ئالدى بىلەن بايان،دوخىراتكا،ئادىناراتكا،ئاكاردىئون،ماندالىن قاتارلىق چالغۇ-ئەسۋاپلارنى كۆتۈرۈشۈپ،ھەركوچىدىن بىردىن ئاقساقال باش بولۇپ،بالىلارنى،ياشلارنى،ئوتتوراياشتىكىلەرنى تەشكىللەپ،توپ-توپ بولۇپ گارمون تارتىپ،جىرجىرلاپ ،توختىغان يەردە ئۇسسۇل ئويناپ،كوچا-كوچىدىن بىبى جامال رومالىنى يىغىدۇ.بۇنىڭدىن ھەممە ئائىلىەرنىڭ خەۋىرى بولغانلىقتىن ئالدىن تەييارلىقى بولىدۇ.ئەگەر بىرەر ئائىلىدىن بىلمەي ئۆتۈپ كەتسە،ئۇئائىلە قاتتىق رەنجىيدۇ.چۈنكى بىزدىن يوللۇق ئالمىدى دەپ قارايدۇ.
    2.    سابان توينىڭ مەرىكە كۈنىنى خەۋەرلەندۈرۈش.مەرىكە كۈنىگە ئاز قالغاندا بالىلارغا ئالاھىدە بېزەپ جابدۇنغان ئات مىنگۈزۈلۈپ،كوچا-كوچىلارغا خەۋەر قىلىشقا ماڭدۇرۇلىدۇ،بالىلارسۆيۈنچە ئالىدۇ.ئەھلى-جامائەت ئائىلىرىدىن رومال ياكى رەختلەرنى ئېلىپ چىقىپ،بالىنىڭ بېلىگە،ئاتنىڭ نوختىسى ۋە ئىگەر-توقومىغا ئايلاندۇرۇپ باغلاپ،يويغا ئاق يول تىلەيدۇ.
    3.    مەرىكىلىك كىيىم تاللاش.مىللىي ئەنئەنىۋى پاسوندىكى كىيىمى بارلارئۇنى يۇيۇپ تازىلاش بىلەن بولسا،كىيىمى يوقلار ھەرخىل كەشتىلەنگەن كىيىملەرنى تىكتۈرىدۇ.
    4.    كونسېرت تەييارلاش.سابان تويىدائوينىلىدىغان كونسېرتنى تەشكىللىك ،پلانلىق تەييارلاشتىن سىرت يەنە ھەرقايسى ئائىلىلەر ئائىلىۋى ناخشا-ئۇسسۇللارنى تەييارلاپ كېلىدۇ.
    5.    تۈرلۈك تائاملارنى تەييارلاش.يويدا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئېزىز مىھمانلارنى ئاساس قىلىپ دەستىخان سېلىنىدۇ.دەستىخانغا تۈرلۈك تائاملار،مېۋە-چېۋىلەر،ئۇسسۇزلۇقلارقويۇلىدۇ.تويدا ھەرقايسى ئائىلىلەر يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ئۆزلىرى تەييارلاپ كېلىشتىن سىرت،ئېزىز مېھمانلارغا ئاتاپ مەخسۇس تائاملارنىمۇ تەييارلاپ كىلىدۇ.(ئىسپرت تەركىبى بار سوغوق ئېچىملىكلەر بىر تۇتاش مەنئىي قىلىنىدۇ).ھەرقايسى ئائىلىلەرقوي،غاز،توخو،ئۆردەك قاتارلىقلارنى سويۇپ كېلىدۇ.شۇنىڭدەك ئۈچپۇشماق،بەلىش،كاتلىت،پەرەمىش،گۆش بەلىش،قاق بەلىش ۋە پىرەنىك،تورت،بولكاقاتارلىقلارنى پىشۇرۇپ تويغا ئەكىلىدۇ.مېھمانلارغا ئاتاپ پىشۇرۇپ ئەكەلگەن تائاملارنى مەخسۇس بىرنەچچە ئايال تىزىملايدۇ ھەم بۇ تائاملارئالاھىدەتەكلىپ قىلىنغان مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ.ئائىلە بويىچە ئۆزئارا مېھمان بولۇشقا چاقىرىپ،بىر-بىرىنى مۇبارەكلەيدۇ.
    6.    تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە مەشىق قىلىش،تاتار خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىمۇئاز ئەمەس،ئۇنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقاداۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سابان توي ۋاستە قىلىنىپ،ئەر-ئايال،ياشلار،ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ئۆزئەھۋالىغا قاراپ مەشىق ئېلىپ بارىدۇ(مەشىق ھازىرغا قەدەرتۈرلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا).بەزى ئويۇن تۈرلىرى خەتەرلىك ،قىيىن .مەسىلەن:ئات چاپتۇرۇپ يەردىن بەرسە ئېلىش،ئات بىلەن ساسلىق ۋە توساقلاردىن ئۆتۈپ بەيگە تالىشىش،ئات ئۈستىدە چىلىشىش،20مېتىردەك ئۇزۇنلۇقتىكى يانتۇقىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۈگىلەك ياغاچقا يالاڭئاياغ چىقىش،ئېغىرلىق كۆتۈرۈش،تىك ئورنىتىلغان خادا ياغاچقا يامىشىپ چىقىپ،نەرسىنى ئېلىپ چۈشۈش،ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتە ئورنىتىلغان يالاڭ تورنىك شەكىللىك يۇمۇلاق ياغاچقا ئىككى ئادەم بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى مىنىۋىلىپ،ئالتە-سەككىز كىلوگرام كەلگىدەك قۇم خالتابىلەن بىر-بىرىنى ئۇرۇپ يىقىتىش قاتارلىق ئويۇن تۈرلىرى بار.مانا بۇ پائالىيەتلەرئارقىلىق كىشىلەرنى قەيسەر،چىداملىق بولۇشقا ئۈندەپ،خەلقنى ،ئانايۇرتنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.تاغاركىيىپ مۇسابىقىگە چۈشۈش،تۇخۇم قويۇلغان قوشۇقنى چىشلەپ يۈگۈرۈش،سانىڭ چۆجە ئېلىشى،قىز بىلەن يىگىتنىڭ بىردىن پۇتىنى چېتىپ باغلاپ مۇسابىقىگە چۈشۈشى،كۆزنى تېڭىپ كوزا چېقىش،ئات ئۈستى ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىش،ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ئايالىنى ھاپاش قىلىپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشۈش،ئاياللارنىڭ ئەپكەش بىلەن دەريادىن سۇ ئەكىلىش مۇسابىقىسى قاتارلىق خىلمۇ خىل ئويۇنلاربار،بۇ مۇسابىقىدە ئۇتقانلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپ موكاپاتلىنىدۇ.
    ئومۇمەن ،سابان توي شاد-خورام كەيپىيات ئىچىدە ئۆتۈپ،يويغا قاتناشقۇچى بارلىق ئادەم شاد-خوراملىققا چۆمۈلىدۇ.
    分享到: