• 2009-07-02

    تاتار سابان توي - [تاتار تارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/41804644.html

    تاتار سابان توي

    تاتارلارنىڭ توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم - يىتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ ،تاتارلاردا يىگىت - قىزنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە قىز تەرەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ بەكمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ ، يىگىت قىز تەرەپتە بىر مەزگىل تۇرۇدۇ ، بەزى جايلىرىدا يېڭى كېلىن بىر بالىلىق بولغاندىن كېيىن قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ .

    تاتارلاردا قۇربان ھېيت ، روزا ھېيت ، مەھلۇد قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا ، نۇرۇز ۋە << سابان >> قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار .

    تاتارلار خۇشخۇي ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ ، تاتارلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن سالام بېرىپ ئۆتىدۇ ، ياشانغان مويسىپىت كىشىلەرنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچمەيدۇ ، تاماكا چەكمەيدۇ ، تاتارلار ئاق كۆڭۈل ، سىلىق سىپايە ، خۇشپېئېل ۋە ئۆم ئىناق كېلىدۇ .

    تاتارلار بىر كىشىلىك جىر - قوشاقلارنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت .
    تاتارلار مول يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغىمۇ ئىگە مىللەت .

    分享到: