• 2009-06-29

    تاتار مىللەت نامى ۋە مەنبەسى - [تاتار تارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/41628688.html

    مىللەت نامى ۋە مەنبەسى

     

    «تاتار» دېگەن بۇ نام ئەڭ دەسلەپتە «كۆل تېكىن ئابىدىسى»دىكى تۈركچە يادنامىدە تىلغا ئېلىنغان. تاڭ سۇلالىسى يازما ھۆججەتلىرىدە 达旦 دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى  يازما ھۆججەتلەردە 达怛,鞑靼,达达 دېگەندەك بىرقانچە خىل خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى «تاتار» سۆزىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاتارلار دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى تۈرك خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بىر قەبىلە ئىدى. 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 7-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، تۈرك خانلىقى زاۋال تاپقاندىن كېيىن، تاتارلار تەدرىجىي قۇدرەت تاپتى. شۇنىڭ بىلەن «تاتار»(鞑靼) سۆزى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ قالدى. موڭغۇللار گۈللەنگەندىن كېيىن، تاتارلار موڭغۇل خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بىر قەبىلىگە ئايلاندى. 13-ئەسىردە موڭغۇللار غەربكە جازا يۈرۈشى قىلغان مەزگىلدە، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ۋە ياۋروپالىقلار موڭغۇللارنى يەنىلا ئومۇملاشتۇرۇپ «تاتار» دەپ ئاتىدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ تارىخ كىتابلىرىدا شەرقىي قىسىمدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى تاتار(鞑靼) ئاتالغان.
        تاتارلار ئۇزاق تارىخقا ئىگە. تاتارلار ئاساسلىقى قەدىمكى بۇلغارلار، قىپچاقلار ۋە تۈركلەشكەن موڭغۇللارنىڭ ئۇزاق مۇددەت قوشۇلۇپ تەرەققىي قىلىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن. بۇلغارلار بولسا ھۇنلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىن كاسپىي دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى ئوتلاقلاردا بارلىققا كەلگەن كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىدىن ئىبارەت. 7-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە، باشقا  كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، بۇلغار قەبىلىسى ئۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. كۆچۈپ چىققان بۇلغارلارنىڭ بىر قىسمى ۋولگا دەرياسىنى بويلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا ۋە كاما دەرياسى ۋادىسىغا كەلدى، ھەمدە ئۇ جايلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، «ۋولگا-كاما بۇلغار قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى»نى تەشكىللىدى. كۆچمەن چارۋىچى بۇلغارلار يەرلىك خەلقلەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، بويسۇنغۇچىلار بىلەن تەدرىجىي ھالدا قوشۇلۇپ كەتتى، ھەمدە كەسپىنى دېھقانچىلىق قىلىشقا ئۆزگەرتتى. 10-ئەسىردە، بۇلغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قاتلىمىدىكىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا ۋە كاما دەرياسى  ۋادىسىغا ئولتۇراقلاشقان ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن بۇ بۇلغارلار كېيىنكى قازان رايونىدىكى تاتارلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندىمۇ، يەنىلا بەزى تاتارلار ئۆزلىرىنى بۇلغار دەپ ئاتىدى.
        13- ئەسىردە، غەربكە جازا يۈرۈشى قىلغان موڭغۇللار «ۋولگا-كاما بۇلغار قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى»نى يوقاتتى ھەمدە غەربتە دوناي دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن شەرقتە ئېرتىش دەرياسىغىچە، جەنۇبتا كاۋكازدىن شىمالدا بۇلغارغىچە بولغان كەڭ رايوندا ياۋروپا بىلەن ئاسياغا تۇتۇشىدىغان ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇردى. ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ  ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونلار ناھايىتى كەڭ، ئاھالىسىنىڭ تەركىبىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، بۇلغارلار ۋە ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلار پەقەت ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت ئىدى. خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان موڭغۇللار خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئۆزلىرىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بىرقەدەر يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تەسىرىنى، بولۇپمۇ قىپچاقلارنىڭ تەسىرىنى توسۇپ قالالمىدى. ئۇلار تەدرىجىي ھالدا تۈرك تىلىنى قوللاندى. 14-ئەسىرگە كەلگەندە ئۇلار يەنە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدى. پۈتكۈل ئالتۇن ئوردا خانلىقى ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە، بۇلغارلارنىڭ جەنۇبىدا تۇرۇشلۇق قىپچاقلار ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇلغارلار ئولتۇراقلاشقان جايلارغا كۆچتى. ھەمدە يەرلىك ئاھالىلەرگە، ئاساسلىقى بۇلغارلارغا تەدرىجىي ھالدا قوشۇلۇپ كەتتى. تۈركلەشكەن موڭغۇللار ۋە قىپچاقلار ھازىرقى تاتارلارنىڭ مۇھىم بىر مەنبەسى بولۇپ قالدى.
        15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەدرىجىي ھالدا زاۋاللىققا يۈزلەندى. ئەسلىدىكى «ۋولگا-كاما بۇلغار قەبىلىلىرى ئىتتىپاقى» زېمىنىدا يېڭى بىر دۆلەت-قازن خانلىقى بارلىققا كەلدى. مەزكۇر خانلىقنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى بۇلغارلار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى تۈركلەشكەن موڭغۇللار ۋە تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان قىپچاقلار، چۇۋاشلار، مولداۋىيلارمۇ بار ئىدى. تارىخنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇشنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئورتاق تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بۇ ئاھالىلەر ئەڭ ئاخىرىدا يېقىنقى زامان تاتار مىللىتى بولۇپ شەكىللەندى. 16-ئەسىرگە كەلگەندە، قازان خانلىقى رۇسىيىگە قوشۇۋېتىلدى. تاتار دېگەن بۇ  ئاتالغۇ داۋاملىق ساقلاندى، ھەمدە مەزكۇر مىللەتنىڭ نامىغا ئايلاندى.
        ئىلىمىزدىكى تاتارلار ئاساسلىقى 19-ئەسىرنىڭ 20~30-يىللىرى ۋە كېيىنكى چاغلاردا، ھازىرقى رۇسىيە(سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى) تەۋەسىدىكى قازان، ئۇفا، سېمىرېچ، زەيسان قاتارلىق جايلاردىن كۆچۈپ كەلگەن. تاتارلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدا كۆچۈپ كىرىشى ئومۇمەن مۇنداق ئۈچ دەۋرگە بۆلۈنىدۇ.
        بىرىنچى دەۋر 19-ئەسىرنىڭ 20~30-يىللىرى بولۇپ، بۇ دەۋردە شىنجاڭغا كۆچۈپ كىرگەن تاتارلارنىڭ سانى ئاز، ھەمدە كۆپىنچىسى بويتاق ياشلاردىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ كۆپى چارپادىشاھ ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن قېچىپ، ئىسىم-فامىلىسىنى ئۆزگەرتىپ، قازاق قەبىلىسىگە «كىرگەن»، بەزىلىرى ھەتتا قازاقلارغا ئاسراندى بالا بولغان. ھازىر ئالتاينىڭ بۇرچىن، قابا قاتارلىق جايلىرىدا ياشاۋاتقان تاتارلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن ئىبارەت.
        ئىككىنچى دەۋر 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، بۇ دەۋردە رۇسىيە كاپتالىزمى تەرەققىي قىلىپ، جاھانگىرلىك باسقۇچىغا قەدەم قويدى. رۇسىيىنىڭ شىنجاڭدا سودىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى موسكۋا بىلەن شىنجاڭ رايونى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان قازان رايونىدىكى تاتار سودىگەرلىرىمۇ زور دەرىجىدە جانلاندى. ئەينى چاغدا رۇسىيىلىك تاتار سودىگەرلەر رۇس تىلىنى پىششىق بىلەتتى. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ مىللىي تىلى ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىغا يېقىن ئىدى. ئۇلار بۇ خىل ئالاھىدە پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ئولتۇرقلاشقان جايلارغا كېلىپ سودا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ تىجارەت قىلىش جەريانىدا ، شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ ماگزىن ئاچتى. بۇ دەۋردە شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن تاتارلار ئىچىدە سودىگەرلەردىن تاشقىرى، يەنە بىرقىسىم مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دىنىي كەسىپتىكىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار شىنجاڭدا بەزى مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرنى قۇردى.
        ئۈچىنچى دەۋر 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن تارتىپ، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، بۇ دەۋردە شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن تاتارلارنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ، كۆچۈپ كېلىش سەۋەبى ناھايىتى مۇرەككەپ. 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ دەھشەتلىك ھالدا ئەزدى ۋە زىيانكەشلىك قىلدى. مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ياشلار ئالدىنقى سەپكە ھەيدىلىپ، توپ زەمبىرەككە يەم قىلىندى. ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن، كىشىلەر ھاياتىنىڭ  خەۋپكە ئۈچرىشىغا قارىماي، ئۆز ماكانىنى تاشلاپ، شىنجاڭغا قېچىپ كەلدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي كوللىكتىپلاشتۇرۇشىدىن پاناھلىنىش ئۈچۈن، يەنە نۇرغۇن تاتار سودىگەرلىرى، دېھقانلىرى، قول-ھۈنەرۋەنلىرى ۋە زىيالىيلىرى شىنجاڭغا قېچىپ كەلدى.
        تاتارلار شىنجاڭغا كۆچۈپ كىرىشتە ئاساسلىقى قازاقىستان ئارقلىق شىمالىي شىنجاڭنىڭ چۆچەك، قورغاس، جېمنەي قاتارلىق جايلىرىغا كىردى؛ يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىپ، تاشقورغان ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كەلدى.
        2005-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تاتارلارنىڭ نوپۇسى 4700 نەپەرگە يېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ٪0.02 تىنى ئىگىلىدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى توربېكىتىدىن ئىلىندى.

    分享到: