• 2009-06-29

    فىنلاندىيەدىكى تاتارلار - [تاتار تارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/41628448.html

    فىنلاندىيەدىكى تاتارلار

    ھازىر فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان تاتارلارنىڭ سانى 800 ئەتراپىدا بولۇپ، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن  رەسمىي ئىتىراپ قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. فىنلاندىيەدىكى تاتارلار 1870-يىلدىن 1920- يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا ۋولگا دەريا ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن تاتارلارنڭ ئەۋلادلىرى. ئەينى ۋاقىتتا كۆچكەن تاتارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلىي دىھقانچىلىق قىلىدىغانلار بولۇپ، فىنلاندىيەگە يەرلەشكەندىن كېيىن،  خېلسىنكىي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا تېرە، يۇڭ، توقۇلما بويۇملار سودىسى بىلەن شوغۇللانغان. ھازىر بۇ تاتارلار ئاساسلىقى فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسنىكىي شەھرىدە ياشايدۇ ، ئاز بىر قىسىملىرى تامپىرى قاتارلىق باشقا  شەھەرلەردە ياشايدۇ.

    1922-يىلى فىنلاندىيەدىكى تاتارلارنىڭ دىننىي ئەركىنلىكى ھۆكۈمەت تەرەپتىن قوللاشقا ئېرىشىپ، 1925-يىلىغا كەلگەندە "فىنلاندىيە ئىسلام جامائىتى" ئويۇشمىسى قورۇلغان. ھازىر بۇ ئويۇشمىنىڭ خېلسىنكىي شەھرىدە بىر مەسچىدى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر تاتار ئويۇشمىسى 1943-يىلى تامپىرى شەھرىدە قورۇلغان. ھازىر خېلسىنكىي، تۇركۇ، تامپىرى شەھەرلىرىدە تاتار مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بار.

    1935-يىلى "فىنلاندىيە تۈركلەر بىرلىكى" ئويۇشمىسى قورۇلغان، ئۇلار ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ تاتارلارنىڭ تىل ۋە مەدەنيىتىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە نورغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

    1945-يىلىغا كەلگەندە "يۇلتۇز تەنتەربىيە كولۇبى" قورۇلغان، گەرچە بۇ بىر پۇتبۇل كولۇبى بولسىمۇ، تاتار تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتىمۇ نورغۇن ئۆنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

    1948-يىلدىن 1969-يىلغىچە خېلسىنكىي شەھرىدە تاتار تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ قورۇلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپ تاتار تىلى بىلەن فىن تىلىدا تەڭ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان. ئوقۇغۇچى مەنبەسىنىڭ ئۆزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن 1970-يىلى بۇ مەكتەپ تاقىلىپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، "فىنلاندىيە ئىسلام جامائىتى" ئويۇشمىسى ھەر ھەپتىنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرىدە تاتار تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى توغرىسىدا تاتار تىلىدا ئوقوتۇش ئېلىپ بېرىشنى توختىتىپ قويمىغان.

    1950-يىلىدىن باشلاپ بىر تاتار يەسىلىسى قورۇلغان. يازلىق تەتىللىك تاتار تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيلەش سىنىپى ھازىرغا قەدەر خېلسىنكىيدا داۋاملىشپ كەلگەن.ئىلگىرى تاتار يېزىقىدا نورغۇن كىتاپ-ماتېرىياللار نەشىر قىلىنغان بولۇپ، يېقىنقى يىللارغا كەلگەندە ئۆزۈلۈپ قالغان.

    فىنلاندىيە تاتارلىرىدىن نورغۇنلىغان داڭلىق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، ئالىم، پىراففىسورلار، دوختۇر، يازغۇچى-شائىرلار چىققان.داڭلىق پۇتبولچى ئاتىك ئىسمائىلمۇ فىنلاندىيە تاتارلىرىدىندۇر.

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا فىنلاندىيەدىكى تاتارلار سوۋىت-فىنلاندىيە ئورۇشى، ئىككىنچى دۇنيا ئورۇشى مەزگىللىرىدە ئۆز ۋەتىنىگە كۆپ تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن خېلسىنكىي شەھىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئورۇنلىرىدىن بىرىگە رەسىمدىكى مەسچىدنى سالدۇرۇپ بەرگەن ئىكەن
    .

    分享到: