• 2009-06-29

    تاتارمىللىتى توغرىسىدا - [تاتار تارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/41628024.html

     

    تاتارمىللىتى توغرىسىدا


    تاتارلار روسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغۇچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، بىر قىسمى روسىيە فېدېراتىۋ جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ( تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ) دە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

    ئۇلار فېدېراتسىيە ئومۇمىي نوپوسىنىڭ %3.8 نى ، جۇمھۇرىيەت ئومۇمى ئاھالىسىنىڭ %49 نى ئىگەللەيدۇ ، بىر قىسمى ئاستىراخان ، چىلىيابىنسكىي ، قىرىم ، باشقىرىستان ، قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەت - رايونلاردا تارقاق ئولتۇراقلاشقان ، ئومۇمىي نوپوسى تەخمىنەن 7 مىليون 560 مىڭ ( 1995 يىلىدىكى مەلۇمات ) ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ( 4 مىڭ ئەتراپىدا ) ، بولغارىيە ، رۇمىنىيە ، تۈركىيە ، گېرمانىيە ، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بىر قىسىم تاتارلار تارقاق ئولتۇراقلاشقان . تاتارلار موڭغۇل ئېرقىنىڭ سىبىرىيە تىپىغا كىرىدۇ ؛

    ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ قىپچاق تىللىرى تارمىقىغا تەۋە تاتار تىلىنىڭ ئۈچ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ ، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ، تاتارىستان تاتارلىرى سىلاۋىيان يېزىقىنى قوللىنىدۇ ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ تىل - يېزىقىنىمۇ بىلىدۇ .

    تاتارلار ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ ، ئاز بىر قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ . تاتارلار دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، سودا - سېتىق ۋە قول - ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شوغۇللىنىدۇ ، دېھقانچىلىقتا بۇغداي ، قارا بۇغداي ، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈدۇ .

    تاتارلارنىڭ ئەجداتلىرى ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان قەدىمقى قەۋملەرنىڭ بىرى بولۇپ ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارىخنامىلىرىدا ئېنىق قەيت قىلىنغان . مىلادىي 3 - 4 - ئەسىرلەردە ھون قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر غەرپكە كۆچۈش مەزگىلىدە ، بىر قىسىم تاتار قەبىلىلىرىمۇ ئورال تاغ تىزمىسىنى بويلاپ ئىدىل ( ھازىرقى ۋولگا دەرياسى ) ۋە كاما دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن ، بۇ قەبىلىلەر شۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ، ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى فىن - ئۇگۇر تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە تىللاردا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەر بىلەن ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن .

    13 - ئەسىرنىڭ بېشىدا يەنە بىر قىسىم تاتار قەبىلىلىرى باتۇخانغا ئەگىشىپ غەرپكە كۆچۈپ ، قارا دېڭىز ، ئىدىل دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ، ئۇلار قىپچاق - ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ تەۋەسىدە ياشىغۇچى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر بىلەن پەيدىنپەي ئۆزئارا قوشۇلۇپ يېقىنقى زامان تاتار مىللىتى بولۇپ شەكىللەنگەن .

    تاتارلار ئۇزاق تارىخىي تەرەقىيات داۋامىدا خىلمۇ خىل تەبىئى شارائىت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە تارىخىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، ، بەزى مەھەللىۋى پەرقلەرگە ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ئولتۇراق ئۆي ، يىمەك - ئىچمەك ، كىيىم - كېچەك ، توي - تۆكۈن ، ھېيت - بايرام ، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلگەن ، شەھەرلەردىكى تاتارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئايرىم قورالىق پىشايۋانلىق بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇدۇ .

    بەزىلىرىنىڭ ئۆيىدە قاڭالتىردىن ياسالغان تام مەش بولىدۇ ، ئۆيگە گىلەم ئېسىشنى ياخشى كۆرۈدۇ ، ھويلا - ئاراملىرى ئازادە كېلىدۇ ، ئەتراپىدا گۈلزارلىق ۋە مىۋىلىك بېغى بولىدۇ ، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان تاتارلار يايلاق تۇرمۇشىغا ماس كېلىدىغان كىگىز ئۆي چېدىرلاردا ئولتۇرۇدۇ تاتارلار يىمەك - ئىچمەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ، كۆپرەك بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان يىمەكلىكلەرنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ ، گۈش ، كۆكتات ۋە مىۋە - چىۋىلەرنى قوشۇمچە قىلىدۇ ، تاتارلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تائاملىرى قورداق ، ئېت بەلش ، گۇبەيدې ، گۆش نان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇ تائاملىرى ئۆزگىچە مىللىي پۇراققا ئىگە .

    تاتارلارنىڭ ئەرلىرى ئۇچىسىغا كانۋايلىق ئاق كۆڭلەك كىيىپ ، ئۆستىگە قارا جىلىتكە قاپلىۋالىدۇ ؛ بېشىغا يازلىقى گۈللۈك تەقىيە ، قىشتا قارا كۆرپە تۇماق كىيىدۇ ؛ پۇتىغا ئۆتۈك كىيىپ كالاچ قاپلىۋالىدۇ ؛

    ئاياللىرى ئۇچىسىغا پىلاتى - يوپكا ۋە كەشتىلەنگەن ئۇزۇن ئاق ياكى سېرىق ، جىگەررەڭ كۆڭلەك ، بېشىغا تۇتقان گۈللۈك دوپپا كىيىپ ياغلىق سېلىۋالىدۇ ؛ ھالقا ، زىرە ، مارجان ، مېدالىيون قاتارلىق زىننەت بويۇملىرى تاقاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈدۇ .

      تاتارلارنىڭ توي - تۆكۈن ، ئۆلۈم - يىتىم ئىشلىرى ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە بېجىرىلىدۇ ،تاتارلاردا يىگىت - قىزنىڭ توي مەرىكىسى ئادەتتە قىز تەرەپتە ئۆتكۈزۈلۈپ بەكمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاياغلىشىدۇ ، يىگىت قىز تەرەپتە بىر مەزگىل تۇرۇدۇ ، بەزى جايلىرىدا يېڭى كېلىن بىر بالىلىق بولغاندىن كېيىن قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ كېتىلىدۇ .

    تاتارلاردا قۇربان ھېيت ، روزا ھېيت ، مەھلۇد قاتارلىق ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دىنىي بايراملىرىدىن باشقا ، نۇرۇز ۋە << سابان >> قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار .  

    تاتارلار خۇشخۇي ۋە قائىدە - يوسۇنلۇق كېلىدۇ ، تاتارلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا تەبەسسۇم بىلەن سالام بېرىپ ئۆتىدۇ ، ياشانغان مويسىپىت كىشىلەرنى بەكمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھاراق ئىچمەيدۇ ، تاماكا چەكمەيدۇ ، مىشقىرمايدۇ . تاتارلار ئاق كۆڭۈل ، سىلىق سىپايە ، خۇشپېئېل ۋە ئۆم ئىناق كېلىدۇ .

    تاتارلار بىر كىشىلىك جىر - قوشاقلارنى ئاساس قىلغان مول خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىغا ئىگە مىللەت .
    تاتارلار مول يازما ئەدەبىيات مىراسلىرىغىمۇ ئىگە مىللەت .

    تارىختا تاتار خەلقى ئىچىدىن مارليا قولى ، خارەزىمى ، قۇتبىي ، مەخمود بولغارىي ، قۇربانغەلى ، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق نۇرغۇن مۇتەپپەككۇرلار ، تارىخچىلار ۋە شائىر ئەدىپلەر چىققان . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن تاتار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەقىيەتىغا زور ھەسسە قوشقان .

    تاتارلارمۇ يىمەكلىكلەرنى << ھالال >> ، << ھارام >> دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ ، ھارام گۆش ۋە يىمەكلىكلەرنى يىمەيدۇ .تاتارلار 7 ساننى خاسىيەتلىك سان ، كۆك كەپتەرنى بەخت قۇشى دەپ بىلىپ ئۇنى ئەتىۋارلايدۇ.
    ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺟﯘﻣھﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﺭﻭﺳﻴﻪ ﻓﯩﺪﺭﺍﺗﺴﯩﻴﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ،1991-ﻳﯩﻠﻰ 30-ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﺘﺎﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ھﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.

    ﻳﻪﺭﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ:68.000ﻛﻢ2

    ﻧﻮﭘﻮﺳﻰ:3.642.000

    ﺑﺎش شەھﺮﻯ:ﻗﺎﺯﺍﻥ

    ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ:ﻗﯩﺮﯨﻢ-ﻗﺎﺯﺍﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺪﯨﻞ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ.(ﯞﻭﻟﮕﺎ)

    ﺋﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 13-ﻳﯘﺯﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ-ﻗﯘﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.
    ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ.ﺑﯘﻻﺭ:ﻗﺎﺯﺍﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﯨﻤﻼﺭﺩﯗﺭ.

    ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺭﻭﺳﻴﻪ،ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﺎ ،ﻛﺎﯞﻛﺎﺯ ﺭﺍﻳﯘﻧﺪﺍ 7ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ھﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯘﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.

    ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ 15-ﻳﯘﺯﻳﯩﻠﺪﺍ ﻗﯩﺮﯨﻢ ﯞﻩ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ.

    ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ:
    ﻗﺎﺭﺍﺩﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﺍﻟﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ،ﺋﻮﺗﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﺳﻴﺎﺩﯨﻦ
    ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ 1500ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻫﻮﻥ،ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ،ﭘﻪﭼﻨﻪﻙ،ﻫﺎﺯﺍﺭ،ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ
    ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
    ﺷﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﻣﻪﻧﮕﻪﻟﻰ ﮔﯩﺮﺍﻱ ﺧﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﻳﯩﺴﯩﮕﻪ
    ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،18-ﻳﯘﺯﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ "ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺧﺎﻧﻠﯩﻐﻰ"ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ.18-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﭼﺎﺭﺭﻭﺳﻴﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﻡ
    ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

    ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﺷﯩﺪﺍ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﯘﺭﮔﯘﻧﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ.ﺑﯘ ﺳﯘﺭﮔﯘﻥ
    1991-ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ.(ﺳﯩﺒﯩﺮﻳﻪ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﺳﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻏﺎ ﭼﯩﭽﯟﻩﺗﻜﻪﻥ).

    ﺋﯩﺪﯨﻞ(ﯞﻭﻟﮕﺎ)ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ:
    ﺑﯘﮔﯘﻧﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﯨﻞ ﯞﻭﻟﮕﺎ ﺭﺍﻳﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 13-ﻳﯘﺯﻳﯩﻠﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﺳﻴﺎﺩﯨﻦ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻳﯘﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ
    ﻗﯘﻣﺎﻥ-ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.

    1920-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺳﻮﺗﺴﯩﺌﺎﻝ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﻳﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯘﺋﯘﮔﯘﻧﻜﻰ
    ﻛﯘﻧﺪﻩ ﺭﻭﺳﻴﻪ،ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ،20%ﺋﻮﺗﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﺳﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺑﻪﻛﯩﺴﺘﺎﻥ،ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ،500ﻣﯩﯔ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯩﺒﯩﺮﻳﻪﺩﻩ ﻳﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.

    ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﻠﯩﻚ ﺗﯩﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯩﻨﯩﻚ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﻧﯩﻔﯩﺖ ﺋﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﺗﻪﺑﻰ ﮔﺎﺯ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯘﺭﯗﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.ﻳﯩﻠﻐﺎ 100ﻣﯩﻠﻴﯘﻥ ﺗﻮﻧﻨﺎ
    ﻧﯩﻔﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﺩﯗ.

    ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯩﻖ،ھﺎﯞﺍ،ﺩﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

    ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺭﻭﺳﭽﻪ ﯞﻩ ﺗﺎﺗﺎﺭﭼﻪ.ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺭﻭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ.

    ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺗﯘﮔﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ 100%ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ.1925-26-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻻﺗﯩﻦ ﻳﯩﺰﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ.

    ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﺪﻩ 13ﺋﯘﻧﯜﺋﯩﺮﺳﯩﺘﯩﺖ 70ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭ.

    ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﺩﯨﻜﻰ 3-ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩىمى ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻳﯘﺭﺗﻰ.

    63ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ 58ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ.2320ﺋﻮﺗﺘﯩﺮﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ(10ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ)505ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﺎﺭ. 1800ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﺎ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ135ﮔﯩﺰﯨﺖ ﺑﺎﺭ.

    14-ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ  ﺋﯩﺴﻼﻣﻠﯩﺸﺸﯩﺪﺍﻣۇھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ.

    ﺭﻭﺳﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﻱ ﯞﻩ ﻣۇھﯩﻢ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡ ﺟﯘﻣھﯘﺭﻳﯩﺘﻰ.

    分享到: