• 2009-06-29

    تاتارتىل-يېزىقى - [تاتار تارىخى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/41627827.html

    تاتارتىل-يېزىقى



        تاتار تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمى قىپچاق تىلى تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا ئىگە. تاتارلار ئۇيغۇر، قازاق، خەلقلىرى بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ تىلى ۋە يېزىقى تەدرىجىي ھالدا تاتارلارنىڭ تىل-يېزىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر بىرقىسىم ياشانغان تاتارلارنى ۋە تاتار زىيالىيلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تاتارلار ئومۇمەن كۆپىنچە قازاق يېزىقى ياكى ئۇيغۇر يېزىقى ئارقىلىق ئۆز تىلىنى خاتىرلەيدۇ. تاتار تىلىنىڭ كېلىش مەنبەسى قەدىمكى تۈرك تىلىدىن ئىبارەت. بىراق ھازىرقى زامان مىللىتىنىڭ زامانىۋى تىلى بولۇش سۈپىتىدە، تاتار تىلى ئەڭ ئاخىرى ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى ۋادىسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، مۇرەككەپ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۈگۈنكى تاتار تىلىنىڭ  نۇرغۇنلىغان سۆزلىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەلەپپۇز قىلغان چاغدىكى ئېغىزنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىش ھالتىدە ئۆزگىرىش بولدى. بۇ خىل ئەھۋال بۈگۈنكى كۈندە تاتار تىلىنىڭ باشقا تۈركىي تىللارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالدى. تاتار تىلىدا 24 ئۈزۈك تاۋۇش فونېمىسى، 10 سوزۇق تاۋۇش فونېمىسى، 9 خىل بوغۇم شەكلى بار. دىماق تاۋۇشى [m]،[n] لاردىن كېيىن كەلگەن كۆپلۈك قوشۇمچىسى ۋە چقىش-كېلىش قوشۇمچىسى [n] بىلەن باشلىنىدۇ؛ [a] تاۋۇشى سۆزلەرنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا كەلگەندە روشەن ھالدا لەۋلىشىپ، [o] غا مايىل ھالدا [aʼ] تەلەپپۇز قىلىنىدۇ؛ سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تىل ئورنى جەھەتتىكى ماسلىشىشى بىرقەدەر مۇكەممەل، لەۋ ھالىتى جەھەتتىكى ماسلىشىشى ئانچە مۇكەممەل ئەمەس؛ تاتار تىلىدىكى جۈملىلەرنىڭ يادروسى ئىگە بىلەن خەۋەر بولۇپ، باشقا جۈملە بۆلەكلىرى جۈملە تەركىبىدىكى رولىغا قاراپ، ئىگە بىلەن خەۋەرنىڭ ئالدى-كەينىدكى مۇئەييەن ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئاساسىي سۆز تەرتىپى جەھەتتە ئىگە ئالدىدا، تولدۇرغۇچى ئوتتۇرىدا، خەۋەر ئاخىرىدا، ئېنىقلىغۇچى تەركىبلەر مەركىزىي سۆزنىڭ ئالدىدا  كېلىدۇ. بىراق جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ جۈملە تەركىبىدىكى تەرتىپىنى ھامان جۈملىنىڭ ئىنتوناتسىيىسى، لوگىكىلىق ئۇرغۇسى ۋە ئالدى-كەينى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بەلگىلەيدۇ. ئىسىملار سان، كېلىش، تەۋەلىك قاتارلىق گرامماتىكىلىق كاتىگورىيىلەرگە ئىگە، پېئىللارنىڭ بايان رايىنىڭ ھازىرقى زامان شەكلىگە  [-a]ئارقا قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ. لېكسىكا تەركىبىدە ئەرەب، پارس، رۇس تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر بىرقەدەر كۆپ، دۆلىتىمىزدىكى تاتارلارنىڭ تىلى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى تاتارلارنىڭ تىلىغا ئوخشايدۇ.




    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى توربېكىتىدىن ئېلىندى.

    分享到: