• 2009-04-20

    پىچان «يەتتە قىز مازىرى» دىكى زىيارىتىم - [ساياھەت خاتىرلىرىم]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/38181009.html

     

    پىچان «يەتتە قىز مازىرى» دىكى زىيارىتىم

    ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى تارىخقا نەزەر تاشلىغايسىز


    پىچاندىكى يەتتە قىزلار مازىرى تۇغرىسىدا ئىزدىنىش

    ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونى تەۋەسىدە بىر قانچە جايدا «يەتتە قىز قەبرىسى، يەتتە قىز مازىرى» دەپ ئاتالغان قەبرە ۋە مازارلار بولۇپ، بۇلاردىن داڭلىق بولغانلىرى ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىكى «يەتتە قىزلىرىم مازىرى» بىلەن پىچان ناھىيىسىدىكى «يەتتە قىزلار مازىرى»دۇر.
    يەتتە قىزلار مازىرى پىچان ناھىيىسى لەمجىن بازىرى چۇۋاڭقىر مەھەللە يۇتۇق كەنتىنىڭ جەنوبىغا بىر كىلومېتىر كىلىدىغان جايغا جايلاشقان، لەمجىن بازىرىنىڭ ئۇتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن چوڭ ئۆستەڭ شەرقتىن - غەرىپكە سۇزۇلغان چوڭ غولنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، ئىدىقۇت تېغىنىڭ مۇشۇ جايىدىكى قىسمىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇزۇن كەتكەن تاغ كارىدورىنى ھاسىل قىلغان، غەربىي تاغنىڭ ئۈستىدە يەتتە قىزلار مازىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «يەتتە يىگىتلەر» دەپ ئاتالغان ئۈچ -تۆت مېتىر ئېگىزلىكتىكى تىك شەكىللىك يەتتە چوققا بار. شەرقىي تاغدىكى «يەتتە قىزلار» مۇ ئوخشاش يەتتە چوققا (ئەمەلىيەتتە ئالتە چوققا) دىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تاغ باغرىدا يەتتە قىزلار مازىرى بار.
    بىز بۇ يەردە «يەتتە قىزلار » مازىرى ئۈستىدە تۇختىلىمىز. يەتتە قىزلار مازىرى ۋە «يەتتە يىگىتلەر» بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق بولغاچقا، بۇ ئارقىلىقمۇ يەتتە يىگىتلەر تۇغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولالايمىز.
    يەتتە قىزلار مازىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شەرقىي مېردىئان ''12-''11'56º89، شىمالىي پارالىل ''7-''6'51º42قا تۇغرا كىلىدۇ. پىچانلىقلار بۇ مازارنى «يەتتە قىزلار غۇجام»دەپ ئاتايدۇ. ھازىرقى مازارىشەيىخلىرىنىڭ دىيىشىچە: «يەتتە قىزلار مازىرى»تۇغرىسىدا ئايرىم تەزكىرە يېزىلغان ۋە ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ «بورانلىق يىللار»دا «كونىلىق»دەپ كۆيدۈرۋىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن يەتتە قىزلار مازىرى تۇغرىسىدىكى تەزكىرە پەقەت مازار شەيىخلىرى ۋە كىشىلەر ئارىسىدا رىۋايەت بولۇپ قالغان.
    1. «يەتتە قىزلار مازىرى» تۇغرىسىدا ئىككى رىۋايەت.
    «يەتتە قىزلار مازىرى» تۇغرىسىدىكى تەزكىرە يۇقالغان. مازار شەيىخلىرى ۋە كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەت بولسا، قۇيۇق ئىسلامىي تۈس ئالغان ئەپسانىۋىي رىۋايەت. مانا شۇ رىۋايەتلەرنى كىشىلەر مازارغا تاۋاپ قىلىشقا دەستەك قىلىدۇ. بىزدە باشقا تەزكىرە ماتىرىيال ۋە باشقا تارىخي ئۇچۇر بولمىغاچقا بۇ مازارنىڭ شەكىللىنىشىنى رىۋايەتلەردىن ئايرىپ قاراشقا ئامالسىزمىز.
    بۇ ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرى، «يەتتە يىگىت»، «يەتتە قىزلار»نىڭ تاشقا ئايلانغانلىقى تۇغرىسىدىكى رىۋايەت. يەنە بىرى، غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇم (كىلاسسىك شائىر ئەھمەت غۇجامنىياز قۇسۇرىنىڭ ئاتىسى)چۈشىدە كۆرگەن مەلۇمات بۇيىچە يەتتە قىزلار مازىرىنى ئېنىقلىشى تۇغرىسىدىكى رىۋايەت.
    بىرىنچى رىۋايەت: «يەتتە يىگىت، يەتتە قىزلار»نىڭ تاشقا ئايلانغانلىقى تۇغرىسىدىكى رىۋايەت.
    بۇرۇن ئىدىقۇت تېغى باغرىدا ناھايتى باياشات بىر يۇرت بولغان ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى بۇ يۇرتقا قارا كاپىرلار كىلىپ پاراكەندىچىلىك سالغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ يۇرتقا ئەل ئىچىدە داڭقى چىققان «يەتتە قىز، يەتتە يىگىت»بولۇپ، ئۇلارنى يۇرتنى قوغداش ئۈچۈن قارا كاپىرلارغا قارشى جەڭ قىلىپ نۇرغۇنلىرىنى يەر چىشلىتىپتۇ. دۈشمەن ناھايتى كۈچلۈك بولغاچقا بۇ يۇرت خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆلۈپ تۈگەپتۇ. قارا كاپىرلارغا تەڭ كەلگىلى بولمايدىغانلىقىنى پەملىگەن «يەتتە يىگىت» يەتتە قىزنى قاچۇرۋىتىپ، دۈشمەن بىلەن ئاخىرغىچە ئېلىشىشنى ئىرادە قىلىپتۇ. «يەتتە قىزلار»ئۇلارنىڭ دىگىنىگە قۇشۇلماي «يەتتە يىگىت»لەر بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىپتۇ. يەتتە يىگىتلەر يەتتە قىزلارغا قايتا - قايتا نەسىھەت قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى كۆندۈرۈپ شەرق تەرەپكە قاچۇرۋىتىپ دۈشمەن بىلەن ئىلىشىپتۇ. بىر-بىرىدىن چىرايلىق قىزلارنىڭ شەرق تەرەپكە قاچقانلىقىنى كۆرگەن قارا كاپىرلار بۆلۈنۈپ قىزلارنى قوغلاپتۇ. قىزلارغا تۆگىلەر شۇنچە تېز ماڭسىمۇ ئاستا ماڭغاندەك بىلىنىپ تېخىمۇ تېز مېگىش ئۈچۈن يۈك-تاقىلىرىنى تاشلاپ مېڭىپتۇ. قارا كاپىرلار يىقىنلاپ كەلگەچكە«يەتتە قىزلار»تۆگىلىرىنىمۇ تاشلاپ ئىدىقۇت تېغىغا قاراپ قىچىپتۇ ۋە يول بۇيى نۇرغۇن قارا كاپىرلارنى تاش بىلەن ئۇرۇپ ھالاك قىلىپتۇ. كۈچلۈك دۈشمەن داۋاملىق قوغلاپ كەپتۇ، قارا كاپىرلاردىن قۇتۇلۇشقا كۆزى يەتمىگەن«يەتتە قىز»تاغ بېشىدا تۇرۇپ، «ئۇلۇغ ئاللاھ»بىزنى مۇشۇ قارا كاپىرلارنىڭ قولىدا « رەسۋا قىلمىغايسەن، بىزنى تاشقا ئايلاندۇرۋەتسەڭ....... » دەپ ئاللاھتىن تىلەپتۇ. ئۇلارنىڭ تىلىكى ئاللاھقا يىتىپ، ئاللاھ ئۇلارنى «يەتتە يىگىتلەرنى، ئۇلارنىڭ يۇرت، تۆگە، يۈك-تاقىلىرىنى ۋە باشقا نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تاشقا ئايلاندۇرۋىتىپتۇ. قارا كاپىرلار بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ تاغ باغرىدا تۇرۇپ ئاھ ئۇرۇپتۇ. «قىزلارنى چۈشۈپ قالارمىكىن» دەپ نەغمە-ناۋالار قىلىشىپتۇ. لىكىن قىزلار تاغدىن چۈشمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن «يەتتە قىز» ۋە «يەتتە يىگىت»تاشقا ئايلىنىپ، شەرقىي تاغ ۋە غەربىي تاغدا بىر-بىرىگە قارىشىپ تۇرۋىتىپتۇ. ئۇلار ھازىرغىچە ھايات بولۇپ، ھەر كېچىسى ئۇچىرىشىپ تۇرىدىكەن. شۇنداقلا ياخشى كىشىلەرگە يۇلۇقۇپ كارامەت ئاتا قىلىدىكەن.
    ئىدىقۇت تېغىدىكى «تاشقا ئايلانغان يەتتە قىز»دىيىلگەن چوققا ئەمەلىيەتە ئالتە چوققا، لىكىن كىشىلەر «يەتتە قىزلارنىڭ بىرى يەتتە يىگىتلەر قىشىدا قالغان»دىگەنگە قاتتىق ئىشىنىدۇ.
    كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ بىر ئەپسانىۋىي رىۋايەت، بۇ رىۋايەت مازارنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە تاۋاپ قىلىنىشىدىكى دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە سۆزلىنىدۇ.
    ئىككىنچى رىۋايەت: غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ چۈشىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن «يەتتە قىزلار مازىرى»نى ئاشكارلىشى.
    بۇ مۇ شەيىخلەر ئارىسىدا رىۋايەت. بۇنىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى مۇنداق:
    غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇم لۈكچۈندىكى ئۇستا تىۋىپ بولۇپ، ئۇ غايىپنى بىلىدىغان ۋە بەزى ئىشلارنى ئالدىن بىشارەت بېرىدىغان كىشى ئىكەن. ئۇ لۈكچۈندىن چۇۋاڭقىر يۇتۇققا دورا - ئۈسۈملۈكلىرى يىغقىلى چىقىپتۇ. بىر كۈنى ناماز ئۇقۇپ ئوخلاپ قىلىپ، چۈشىدە «يەتتە قىزلار» ئايان بولۇپتۇ، ئۇ يەتتە قىزلارغا ئاتاپ گۈمبەز ياساتماقچى بولۇپ مۇۋاپىق جاي ئىزدەپ، ئاخىرى ھازىرقى «يەتتە قىزلار» مازىرىنىڭ بىر چاقىرىم غەرىپ تەرىپىدىكى بىر جاينى «يەتتە قىزلارنىڭ مازىرىنىڭ قەدەم جايى» دەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، چىرايلىق گۈمبەز ياسىتىپتۇ. گۈمبەز پۈتۈپ ئەتىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. گۈمبەزنى قايتىدىن قۇپۇرۇپتۇ. يەنە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. بۇ ئەھۋال ئۇدا ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىپتۇ، ئۈچىنچى قېتىم گۈمبەز ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كۈنى ئاخشىمى غۇجامنىياز ئاخۇنلۇققۇمىنىڭ چۈشىدە يەتتە قىزلار قايتا ئايان بولۇپتۇ. غۇجامنىياز ئاخۇرنلۇقۇم قايتىدىن يەتتە قىزلار چۈشىدە ئايان بولغان جاينى ئىزدەپ تېپىپتۇ، ۋە چۈشىدە ئايان بولغان يەتتە قىزلارنىڭ قاتارلىشىپ ئولتۇرغان ھالىتى بۇيىچە ھەر بىر قىزغا بىردىن ئاتاپ يەتتە گۈمبەز ياسىتىپتۇ. ۋە يەتتە گۈمبەزنىڭ كەينىگە چوڭ بىر گۈمبەز، بىر خانقا، بىر ئېتىكاپخانا، ئاشخانا ۋە ئۈچ ئېغىز تىلاۋەتخانا ياسىتىپ، بۇ جاينى «يەتتە قىزلار مازىرى»دەپ خەلققە ئاشكارلاپتۇ.
    لۈكچۈنگە بېرىپ، يەكەندىن كىلىپ لۈكچۈندە تۇرىۋاتقان سۇپىلاردىن بىرىنى ئائىلىسى بىلەن چۇۋاڭقىر يۇتۇققا ئەچىقىپ مازارغا شەيىخ قىلىپ بەلگىلەپتۇ. لۈكچۈن ۋاڭىغا خەۋەر قىلىپ، مازارنىڭ شەرقىدىكى كارىز سۈيىدە سۇغۇرۇلىدىغان ئېتىزلارنى مازارغا ۋەخپە قىلدۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن «يەتتە قىزلار مازىرى»نىڭ نامى ئەل-يۇرتقا تارىلىپ، «ئۇلۇغ مازار»دەپ ئاتىلىپتۇ.
    يۇقارقى ئىككى رىۋايەتتىن شۇنى بىلىۋالالايمىزكى، يەتتە قىزلارنىڭ تاشقا ئايلانغانلىقى تۇغرىسىدىكى رىۋايەت بۇرۇندىن خەلق ئىچىگە تارقالغان، كىيىنكى دەۋىرلەردە غۇجامنىياز ئاخۇنلۇققۇمنىڭ چۈشىدە يەتتە قىزلار ئايان بولۇشى بىلەن «يەتتە قىزلار مازىرى» ئاشكارلانغان ۋە رەسمىي مازار بولۇپ شەكىللەنگەن.  

    ( تېمىنىڭ داۋامى بار......) 

    ئەمدى مېنىڭ «پىچاندىكى يەتتە قىز مازىرى» نى زىيارەت قىلغاندا تارتقان سۈرەتلىرىم

    ( تۆۋەندىكىلىرى «يەتتە قىز مازىرى» غا بارىدىغان يول بويىدىكى مازار كۆرۈنۈشلىرى. مۇشۇ مازاردىن ئۆتكەندە ئاندىن يەتتە قىز مازىرىغا يېتىپ بارىمىز. يەتتە قىز مازىرى تاغ ئۈستىدە).
     



     

     





     

     

     









     





    ئەمدى «يەتتە قىز مازىرى» دا تارتقان تاشقا ئايلانغان يەتتە قىزنىڭ تاش ئىزناسى

     

     

     



     







     



     



     



     


     











    تېمىنىڭ داۋامى......

    2. «يەتتە قىزلار مازىرى»نىڭ ئاشكارلانغان ۋە شەكىللەنگەن ۋاقتى.
    «يەتتە قىزلار»نىڭ تاشقا ئايلانغان ۋاقتىنى ئىسلام دىنىدىن خېلى خەۋىرى بار موللىلار «يەتتە قىزلار موسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇرىتلىرى ئىكەن، بۇ موسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە بولغان ئىش»دەيدۇ. لىكىن بۇنىڭ ھىچقانداق ئاساسىي يوق.
    «يەتتە قىزلار مازىرى»غا 1999- يىلى تۇرپان مەدەنىيەت-يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تاش ئابىدە ئورناتتى. بۇ تاش ئابىدىگە مۇنداق يېزىلغان: «يەتتە قىزلار مازىرى قەبرىستانلىقى 1962- يىلى ئاپتۇنوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن. يىل دەۋرى: تاڭ سۇلالىسىدىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگىچە بولغان ئارلىققا تۇغرا كىلىدۇ». بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى «يەتتە قىزلار مازىرى»ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى قەبرىستانلىق. ئىسلامىيەتتىن كىيىن بۇ قەبرىستانلىق بىر مەزگىل تاشلىۋىتىلگەنمۇ ياكى داۋاملىق ئادەم دەپىنە قىلىنغانمۇ بۇنى بىر نەرسە دىمەك تەس. لىكىن بۇنىڭ ئىككى خىل ئېھتىماللىقى بار.
    بىرىنچى: غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ مازارنى ئاشكارلىشىغىچە بولغان ئارلىقتا بۇ قەبرىستانلىققا ئادەم دەپىنە قىلنمىغان. «يەتتە قىزلار مازىرى»نىڭ تەبىئىي يەر شەكلى يەنى بۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈن چوڭ ئۈستەڭدىن ئۈتۈشكە تۇغرا كىلىشى ۋە «يەتتە قىزلار مازىرى»ئەتىراپىدىكى جايلاردا بىر قانچە ئىسلام قەبرىستانلىقى بولۇشى بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرىدۇ.
    ئىككىنچى: بۇ قەبرىستانلىق ئىسلامىيەتتىن كىيىنمۇ داۋاملىق ئىشلىتىلگەن لىكىن نامى چىقمىغان. پەقەت غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ ئاشكارلىشى بىلەن داڭلىق مازارلاردىن بولۇپ قالغان.
    بىز غۇجامنياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ ھايات-پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ «يەتتە قىزلار مازىرى»نى ئاشكارلىشى تۇغرىسىدىكى رىۋايەت. شۇنداقلا بۇنىڭ شۇ زاماندىكى رىئاللىققا قايسى جەھەتلەردىن مۇمكىنچىلىكنى بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرساق يەتتە قىزلار مازىرىنىڭ شەكىللەنگەن ۋاقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز.
    ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى غۇجامىنياز ئاخۇنلۇقۇم 1685- يىلى تۇرپاندىكى قەدىمىي، مەشھۇر يۇرت - لۈكچۈندە دىنىي مۆتىۋەر، ئۆلىما ئابدۇللا ھەمدۇل ھەق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 14 يېشىغىچە دىنىي مەكتەپتە، 19 يېشىغىچە شەرقىي شىنجاڭ بۇيىچە داڭلىق بىلىم يۇرتى-لۈكچۈن جاھانغا مەمورىسىدە ئۇقىغان. 19يېشىدىن 26يېشىغىچە يەكەنگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان. كىيىن لۈكچۈنگە قايتىپ كىلىپ تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ تىبابەت سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن تېزلا خەلق ئىچىدە شۆھرەت تاپقان شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تەرىپىدىن «غايىپنى بىلىدىغان، ھەر قانداق ئىشقا ئالدىن بېرىدىغان كېشى» دەپ ئىلاھلاشتۇرۇلغان، تەخمىنەن 1730- يىللار ئەتراپىدا تۇرپان ئۆتەڭ ئارىشىڭى تاپقان. (غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۇنىڭ ئۆتەڭ ئارىشىڭىنى تىپىشى چۈشىدە ئايان بولغان»دەپ رىۋايەت قىلىدۇ). ئۇ تىبابەت ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا لۈكچۈن شەھىرىنىڭ ئاخۇنى (شۇڭا كىشىلەر ھۆرمەتلەپ «ئاخۇنلۇقۇم»دەپ ئاتىغان). ۋاڭ ئوردىسىنىڭ خاس تىۋىپى، شەرىئەت قازىسى، لۈكچۈن بەگلىك مەدرىسىنىڭ مۇدەرىسى بولغان 1777- يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن لۈكچۈندە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ جەسىدى ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن(بەزىلەر «چۈشىدە بىشارەت بولغان» دەپ رىۋايەت قىلىدۇ) لۈكچۈندىن 30كېلومېتىر يىراقتىكى خاندۇ غۇجامئالدى قەبرىستانلىقىغا دەپىنە قىلىنغان. ھازىرمۇ كىشىلەر مۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىدۇ. غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ بەتچىلىك تۇغرىسىدىكى ئەسەرلىرى «ئاپەتلىك يىللار»دا يۇقالغان.
    يۇقارقى قىسقا تەرجىمھالىدا غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ چۈشىدە كۆرگەن بىشارەتتىن ئىككىسى تىلغا ئىلىنىدۇ. غۇجامىياز ئاخۇنلۇقۇم دىننىي مۆتىۋەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىكىدىن دىن تەربىيىسى ئالغان، ياشلىق مەزگىلىدە ئالتە-يەتتە يىلنى يەكەندە ئۆتكۈزگەن. بۇ مەزگىل سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ جۇڭغارلار ھامىيىلىقىدىكى خۇجىلار ھۆكۈم سۈرگەن سوفىزىم تازا ئەۋەج ئالغان مەزگىل بولۇپ، يەكەن سوفىزىمنىڭ شىنجاڭدىكى مەركىزى ئىدى. بىز غۇجامنيياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئىدىيىسى تۇغرىسىدا ھىچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولمىساقمۇ شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى ياش غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇم يۇقارقى ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ ئامىللار بىلەن تەسەۋۋۇپ تەسىرىدە(سوفىزىم تەسىرىدە)تەركىي دۇنيا بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ يەنىلا تەسەۋۋۇپنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان. بۇ ئۇنىڭ مازارلارنى بايقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
    «يەتتە قىزلار مازىرى» نىڭ ھازىرقى شەيىخى ۋە شەيىخ ئەۋلادلىرىنىڭ دىيىشىچە: غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇم يەتتە قىزلار مازىرىنى تۇرپان ئۆرتەڭ ئارىشىڭىنى بايقاشتىن بورۇن ئاشكارلىغان ئىكەن.
    يۇقارقىلار بۇيىچە ھېساپلىق، «يەتتە قىزلار مازىرى» نىڭ ئاشكارلىنىپ، رەسمىي مازار بولۇپ ئاتالغانلىقىغا ۋە بۇ يەردە تاۋاپ پائالىيىتى ئىلىپ بېرىۋاتقانغا تەخمىنەن 280يىل ئەتىراپىدا بولىدۇ.
    3. «يەتتە قىزلار مازىرى» غا تاۋاپ قىلىشنىڭ سەۋەبى ۋە مەنبەسى.
    «يەتتە قىزلار مازىرى» ئەتىراپىدا ناھايتى بۇرۇندىن باشلاپلا ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن. بۇ يەرنىڭ بىر كېلومېتىر غەرىپىدىكى قىزىلقۇم يېڭى تاش قۇراللار خارابىسى، مىلادىيⅥئەسىرىگە تەۋە قارا تۇپىلىق قەدىمىي قەبرىستانلىقى، مىلادىي Ⅵئەسىردىن Ⅴئەسىرگىچىلىك بولغان ئارلىققا تەۋە بولغان ئېغلىتام بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ۋە شەرق تەرىپىدىكى مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅦ - Ⅲ ئەسىرگىچە بولغان ئارلىققا تەۋە دۆڭ مەھەللە خارابىسى قاتارلىقلار بۇنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا «يەتتە قىزلار مازىرى» غا تاۋاپ قىلىشنىڭ شەكىللىنىشىنى بىلىش ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي ئېتقادلىرىدىن سۆز باشلاشقا تۇغرا كىلىدۇ.
    قەدىمىي دەۋىرلەردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەتكە بولغان تۇنۇش چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىپتىدائىي چۈشەنچىلىرىگە تايىنىپ ئىگىز تاغلارنى مۇقەددەس بىلىش بىلەن تاغلار ئولۇغلانغان. تۇرپان ئۇيغۇرلىرىغا نىسبەتەن ئوت ئېتقادچىلىقنىڭ قۇشۇلۇش بىلەن يىراقتىن قارىسا لاۋۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئۆتتەڭ كۆرۈنگەن يالقۇنتاغ تېخىمۇ ئۇلۇغلىنىپ، «ئىدىقۇت تېغى» دەپ ئاتالغان. ئۇلۇغ «ئىدىقۇت تېغى» ئۈستىدىكى ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدىغان ئالتە چوققا ئەجدادلىرىمىز ئىڭىدا بىر مۇنچە سۇئاللارنى تۇغدۇرغان. گەرچە بۇ چوققا ئالتە چوققا بولسىمۇ ئەجدادلىرىمىزدىكى «يەتتە مۇقەددەس سان» چۈشەنچىسى بۇيىچە «ئالتە چوققانى يەتتە چوققا» دەپ ھېسابلىنىپ، بۇلار تۇغرىسىدا گۈزەل رىۋايەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. «يەتتە يىگىت، يەتتە قىزلارنىڭ تاشقا ئايلىنىشى تۇغرىسىدىكى رىۋايەت»تىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تاغقا چۇقۇنۇش ئېتقادى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. مەسىلەن: «يەتتە قىزلارنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قىلىپ تاغقا چىقىشى، تاغ ئۈستىدە تۇرۇپ تەڭرىدىن ئۆزلىرىنى تاشقا ئايلاندۇرۇشىنى تىلىشى»......قاتارلىقلار. چۈنكى قەدىمقى ئۇيغۇرخانلىرى «ئاقساقاللار كېڭىشى»، «دۆلەت مەجلىسى»قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى مۇقەددەس تاغلار ئۈستىدە ئۆتكۈزەتتى. ①
    ھازىرمۇ يەتتە قىزلار ئەتىراپىدا ياشايدىغان ياشانغان كىشىلەر يەتتە قىزلار جايلاشقان ئىدىقۇت تېغىنى كۆرسىتىپ «بۇ تاغ بىزنىڭ ئانىمىز، ئۇ بىزنى چۆلتاغدىن كەلگەن قۇم - بورانلاردىن ساقلايدۇ» دەيدۇ. بۇلارمۇ تاغنى مۇقەددەس بىلىش ئېتقادىنىڭ بۈگۈنكى داۋامى.
    «يەتتە قىز، يەتتە يىگىتنىڭ تاشقا ئايلىنىشى تۇغرىسىدىكى رىۋايەت» ئىسلامىيەتتىن كىيىن ئاز-تۇلا «ئىسلام يىپىنچىسى»ئارتىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان.
    ئىسلام دىنى بارلىققا كىلىپ ئىككى ئەسىردىن كىيىن تەسەۋۋۇپچىلىق (سۇفىزىم) پەيدا بولدى. تەسەۋۋۇپچىلار بىۋاستە سىزىم ۋە ئىچكى تەسىرات ئارقىلىق ئاللاھقا يىقىنلىشىش. ئادەم بىلەن ئاللاھنىڭ بىرلىشىشى دىگەن سىرلىق ئەقىدىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇنىڭغا يىتىش ئۈچۈن پىر-ئۇستازلارغا مۇرت بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىتەكچىلىكىدە روھنى چىنىقتۇرۇپ، قەلبىنى پاكلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار خانقا، مازارلاردا ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىپ، زىكرى قىلىشىدۇ. مازار تاۋاپ قىلىش تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ بىر ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرىدىن بىرى ئىدى.
    تەسەۋۋۇپچىلىق شىنجاڭغا ئىسلام دىنى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كىرگەن بولۇپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. تەسەۋۋۇپچىنىڭ تەسىرى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە خېلى زور دەرىجىدە سېڭىپ كەتكەن. لىكىن ئۇⅩⅥئەسىردە تەڭرى تېغىنىڭ جەنوبىي ۋە شىمالىدا ئۆزگىچە يۆلىنىش ۋە نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى پەيدا قىلدى. بۇخارادىن «ئەۋلىيا»، «سەئىد»ئاتاق نامى بىلەن (1533-1534يىللار ئارلىقىدا) شىنجاڭغا كىرگەن مەخدۇم ئەزەم(تۇلۇق ئىسمى-خۇجا ئەھمەد كاسانى) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆزلىرى «مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى» دەپ ئاتاپ ئاممنى ئۆزىگە چۇقۇندۇرغان ۋە «خۇجىلار دەرگاھىغا كىلىپ مۇرت بولغۇچىلارنىڭ گۇناھى ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ خۇدا مەغپىرەت قىلىدۇ.②» دىگەننى تارقىتىپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا سۇپى-ئىشتان سۈلۈكلىرىنىڭ پەيدا قىلىپ سۇفىزىمنى مىسىلسىز ئۇلغايتقان. مەخدۇم ئەزەمنىڭ 7- ئوغلى ئىسھاقىيە سۈلىكىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى خۇجا ئىسھاق ۋەلى «سەئىدىيە خانلىقى تەۋەسىدە 40مىڭ مۇرت قۇبۇل قىلغان» جايلارغا 64خەلپەت تەيىنلىگەن③. مەخدۇم ئەزەمنىڭ چەۋرىسى ئاپاق خۇجا ئازكەم يۈزمىڭ كىشىنى ئۆز مەزھىپىنىڭ ئېتقادىغا بەيئەت قىلدۇرغان④. شۇنىڭ بىلەن ئاپاق خۇجا جۇڭغارلارنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ھەم ئۆز مۇرىتلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنوبىدا جۇڭغارلارغا بىقىندى ھاكىمىيەتنى تىكلىگەندىن ئۇلارنىڭ مۇرىتلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ مازارلارغا تاۋاپ قىلىشىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن مازارلارغا تاۋاپ قىلىش، مازارلاردىن مەدەت تىلەش تازا ئەۋىج ئالغان. شۇنىڭ بىلەن مازارلار تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ مۇھىم پائالىيەت سورۇنى بولۇپ قالغان. شۇ مەزگىللەردە ئاپاق خۇجا پىچان لۈكچۈنگە كىلىپ تۇيۇق «ئەسھابۇلكەھف» مازىرىنى ئىنىقلاپ⑤ بۇ جايدا ئەسھابۇلكەھف سۈلىكىنى تەسىس قىلىپ خۇجىلار تەسەپىدىن بولغان سۇپى خۇجىنى بۇ سۈلۈككە باش قىلىپ تەيىنلىدى. شۇندىن باشلاپ پىچاندىكى لۈكچۈن، تۇيۇق، دىغار، لەمجىن ۋە باشقا جايلاردىكى «ئۇلۇغلارنىڭ قەدىمى يەتكەن جاي»لارنىڭ ھەممىسىگە گۈمبەز ئورنىتىلىپ مازارلار بارلىققا كىلىشكە باشلىدى⑥. «ئەسھابۇلكەھف»سۈلىكىنىڭ باشلىقى سۇپى خۇجا ۋە ئۇنىڭ ئۇغلى نىيازخۇجا تۇرپان، پىچاندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «جەۋھىرى سۈلۈك» ۋە تەسەۋۋۇپ يولىنى چىڭ تۇتۇپ، سۇپىلىق تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ ئۆزلىرىگە نۇرغۇن مۇرت توپلىدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرپان، پىچانلاردىمۇ سۇپا-ئىشانلار سىرتمىقى ئاستىدا نۇرغۇن ئىتائەتمەن مۇرىتلار پەيدا بولدى. كىيىن سۇپى خۇجىنىڭ نەۋرىسى، نىيازخۇجىنىڭ ئوغلى ئىمىن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، سۇپىلىق تەرغىباتىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىپ، كۈچ توپلاپ تۇرپاننىڭ قارانچۇق سۇلتانى ئەھمەد باقى بەگنىڭ لۈكچۈن ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ھوقوق تارتىۋالدى ۋە ئۇنى ئۆلتۈرۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تۇرپان، پىچاندا تەسەۋۋۇپچىلىق تېخىمۇ كەڭ تارقالدى. مۇشۇ دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇممۇ تەسەۋۋۇپ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىماي قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلق ئىچىدىكى رىۋايەت ۋە ئىمىن خۇجىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ، «يەتتە قىزلار مازىرى»نى ئشكارلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن «يەتتە قىزلار مازىرى»غا تاۋاپ قىلىش رەسمىي شەكىللەندى. مانا بۇ «يەتتە قىزلار مازىرى»نى تاۋاپ قىلىشنىڭ تارىخىي مەنبەسى ۋە سەۋەبىدۇر.
    4. «يەتتە قىزلار مازىرى»بىلەن مۇناسىۋەتلىك يادىكارلىقلار ۋە جايلار:
    «يەتتە قىزلار مازىرى»نىڭ كۈلىمى 150مىڭ كۇۋادرات مېتىر كىلىدۇ. يەتتە قىزغا ئاتاپ سىلىنغان يەتتە گۈمبەزنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايلانمىسى2.05×4مېتىر، ئىگىزلىكى 2.09مېتىر، خانقانىڭ كۈلىمى10×15.40كۇۋادرات مېتىر، تىلاۋەتخانا 10×9.3 كۇۋادرات مېتىر كىلىدۇ، بۇلار مۇكەممەل ساقلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.
    مازارنىڭ سۇپىسى، سائىللار ئۈچۈن سىلىنغان بىر قانچە گۈمبەزلىرى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي» دا چىقىۋىتىلىپ تۇپىسى ئېتىزلارغا تۈكۈلگەن يالغۇز گۈمبەز: غۇجامنياز ئاخۇنلۇقۇم دەسلەپ ياساتقان گۈمبەز كىشىلەر تەرىپىدىن يالغۇز گۈمبەز دەپ ئاتالغان. گۈمبەزنىڭ خارابىسىدىن قارىغاندا ئىككى ئېغىزلىق بولۇپ، كۈلىمى8.20×6كۇۋادرات مېتىر كىلىدۇ. گۈمبەز ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ تاملىرى ۋە تامدىكى ئەگمە ئۇيۇقلار ساقلىنىپ قالغان. مازارنىڭ غەرىپ تەرىپىدە شامالنىڭ ئۇپىرىتىشىدىن شەكىللەنگەن چۇقچىيىپ تۇرغان چۇققىلار بولۇپ، كىشىلەر بۇلارنى «يەتتە قىزلارنىڭ تاشقا ئايلانغان تۆگىسى ۋە يۈكلىرى»دەپ ئاتايدۇ.
    غەربىي تاغدىكى يەتتە يىگىتلەر ئەتىراپىدا تاش غارلار، مىۋە شەكلىدىكى (ئالغا، ئۆرۈك، شاپتۇل......) تاشلار، بۇغداي، گۆرۈچ شەكلىدىكى تاشلار، ھورنان پىرەنىكلەرگە ئوخشاش تاشلار ئۇچىرايدۇ. كىشىلەر بۇلارنى «يەتتە قىزلار ئاللاھتىن تىلەپ تاشقا ئايلانغان ۋاقىتتا تاشقا ئايلىنىپ كەتكەن مىۋە ۋە باشقا نەرسىلەر»دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
    ياڭاق بۇلاق: «يەتتە قىزلار مازىرى»نىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى يار ئىچىدە «ياڭاق بولاق» دەيدىغان بىر بۇلاق بولۇپ، بۇ بۇلاقنى كىشىلەر «يەتتە قىزلار تەھھارەت ئالىدىغان جاي» دەيدۇ، كۆز ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلار بۇ بۇلاققا كىلىپ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ قايتىدۇ.
    مازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قۇدۇقلۇق كارىز بولۇپ، بۇ كارىز تۇرپان كارىزلىرى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان كارىز ئىدى. بۇ كارىزنىڭ سۈيى 1950- يىلى ئەتىراپىدا ئۈزۈلۈپ قالغان. كارىز سۈيىنى قايتا باشلاپ چىققانلىق تۇغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا رىۋايەت بار. بۇ قۇرۇق كارىزنىڭ ئېغىزى ئىككى يىل بۇرۇن يەرلىك (گۆر) چاپقۇچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋىتىلدى. مازارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ئىلگىرى مازار شەيىخلىرى تېرىقچىلىق قىلغان، كىيىن بۇلاق سۈيىنىڭ ئازىيىپ كىتىشى بىلەن تاشلىۋەتكەن يەرنى ئىككى يىل بۇرۇن قۇتۇبي ناھىيىسىدىن كەلگەن بىر ئايال «مۇللا» «بۇ جايغا يەتتە قىزلارنىڭ قەدىمى تەككەن، بۇلاق سۈيى تاغدىكى يەتتە قىزلارنىڭ تاپىنى ئاستىدىن سىرغىپ چۈشىدۇ، بۇنى ماڭا پىرلىرىم بىشارەت قىلدى......»دەپ بۇ يەرنى «چىڭگىل غۇجام» دەپ ئاتىدى. كىيىن قەشقەردىن «يەتتە قىزلار مازىرى»نى تاۋاپ قىلغىلى كەلگەن «مۇللىلار»مۇ بۇ يەر ھەقىقەتەن «چىڭگىل غۇجام» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشتى. شۇنىڭ بىلەن يەتتە قىزلارنىڭ «قەدىمى يەتكەن جاي»دىن يەنە بىرى ئاشكارلىنىپ، كىشىلەر تاۋاپ قىلىدىغان جاي بولۇپ قالدى.
    5. تاۋاپ پائالىيەتلىرى:
    تاتار تارىخچىسى قۇربان غەلىي غالىدى 1887- يىلى پىچان لۈكچۈنگە كەلگەندە، يەتتە قىزلار مازىرىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ، بۇ مازارنى ۋە يەتتە قىزلارنىڭ تاشقا ئايلانغان ئاجايىپ شەكىللىرىنى تاۋاپ قىلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسى «كىتتابۇ تارىخ جەرىيىدەئى جەدىيىدە» دە ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
    يەتتە قىزلار مازىرى شەكىللەنگەندىن باشلاپ كىشىلەر ئىزچىل تۈردە بۇ جايدا تاۋاپ پائالىيىتى قىلىپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەردىن مۇھىمراقلىرى:
    1) ھەر يىلى ئىككى قېتىملىق ھېيتتا يۇرت خەلقى بۇ مازارغا يىغىلىپ ناماز ئوقۇيدۇ.
    2) مازاردىكى خانقا ۋە تىلاۋەتخانىلاردا ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇپ يەتتە قىزلاردىن مەدەت تىلەيدۇ.
    3) مۇۋاپىق پەيتلەرنى تاللاپ بولۇپمۇ ھەر يىلى مۇھەررەم ئېيدا (ھىجرىيە 1-ئاي) بۇ جايدا قۇربانلىق قىلىنىپ، داش قاينىتىپ ھەممە كىشىگە ئاش - تاماق بېرىلىدۇ. بەزىلەر ئەھۋالىغا قارىتا سەرىقە تارقىتىدۇ، بۇ ئىشتا ئىلىم-ئەھلىلىرى بىلەن يېتىم يېسىرلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەنلەر مازارغا كىلەلمىگەنلەرگە ئاتاپ نەزىر نانلىرى ۋە ئاشلىرىنى ئىلىۋالىدۇ.
    4) ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مازارغا كىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قايتىدۇ.
    5) بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يەردە قۇربانلىق قىلىپ «نىيازمەنلىك نەزىرىسى» (كىچىك بالىلارغا چۇققىسىغا كۇكۇلا چاش قۇيۇش نەزىرىسى) ئۆتكۈزۈپ بالا-ۋاقىلىرىنىڭ بىرەرسىنىڭ ئىسمىنى نىيازغا ئۆزگەرتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا بۇ جايدا نۇرغۇن قۇشقار، سەركە مۇڭگۈزلىرى ۋە كالتە ئۆرۈلگەن چاچلار ساقلىنىۋاتىدۇ.
    6) ئۇزۇنغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن ئاياللار بۇ مازارغا كىلىپ تاۋاپ قىلىپ، سەدىقە -ساخاۋەت قىلىدۇ، ھەمدە بەل تاڭدۇرۇش، تۈنەپ تەلەپ قىلىش، چىراق يىقىش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارىدۇ.
    بۇ يەردىكى بەل تاڭدۇرۇش مۇنداق بولىدۇ: شەيىخلەر پاختا رەختتىن يىپ ئىشىپ، يەتتە تۈگۈن تۈگىدۇ، ئاندىن تۇغمىغان ئاياللارنىڭ بېلىگە «ياخشى پەرزەنتلىك بولغايسىز، يەتتە قىز، يەتتە يىگىتلەردەك پەرزەنتلىك بولغايسىز»دەو تىلەك تىلەپ باغلايدۇ. ئاندىن يەنە بىر پەيشەنبىدە ئايالنىڭ بېلىدىكى تېڭىقنى يېشىپ ئىلىپ مازاردىكى چىراقلارغا پىلىك قىلىپ، مازارغا چىراق ياقىدۇ، گۈمبەز ئىچىدىكى تۇقماققا يۇپۇق ياپىدۇ، بۇ جايدا ھازىرغىچە نۇرغۇن يۇپۇقلار ساقلانماقتا.
    7) يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە ماغدۇرى يەتكەنلەر تاغ بېشىغا چىقىپ تاشقا ئايلانغان يەتتە قىزلارنى تاۋاپ قىلىدۇ، چىراق ياقىدۇ، چوكان(شەددە)باغلايدۇ ۋە باشقىلار.
    يەتتە قىزلار تۇغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا يەنە بىر قانچە رىۋايەتلەر بولۇپ، كىشىلەر ھازىرمۇ «يەتتە قىزلار ھايات»دەپ ئىشىنىدۇ ۋە سەھەردە يۈزىنى يۇيماي «يەتتە قىزلار مازىرى» تەرەپكە قارىمايدۇ. «تاشقا ئايلانغان يەتتە قىزلار» نى قول سانجىپ ئىشارەت قىلمايدۇ. تۈگەللىمە، يەتتە قىزلار مازىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىگىز تاغلارنى مۇقەددەس بېلىشىدىن شەكىللەنگەن تەبىئەت ئېتقادچىلىقى ئاساسىدا پەيدا بولغان «يەتتە قىز ۋە يەتتە يىگىتنىڭ تاشقا ئايلىنىشى» تۇغرىسىدىكى رىۋايەتنىڭ ئىسلامىيەتتىن كېيىن «ئىسلام يىپىنچىسى» بىلەن تارقىلىشىنى ئاساس قىلىپ، خۇجىلار دەۋرىدە مازارلارغا تاۋاپ قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى، ئىمىن خۇجىنىڭ تۇرپاندا ھاكىمىيەت ئىگەللىشى، تۇرپاندا تەسەۋۋۇپنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى ئارقىسىدا غۇجامنىياز ئاخۇنلۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن شەكىللەنگەن مازار.
    ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان تۇنۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئاڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر «يەتتە قىزلار مازىرى» تۇغرىسىدا ئېنىق، تۇغرا يەكۈننى قۇبۇل قىلالايدۇ.
    ئىزاھلار:
    (1) ئابدۇكېرىم راخمان: ئۇيغۇر فولىكلورى ھەققىدە بايان «شىنجاڭ ئونۋىرستىتى نەشىرىياتى 1989- يىل ئويغۇرچە نەشىرى، 455- بەت.
    (2) ھاجى نۇرھاجى: «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى قىسقىچە تارىخى»، «شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى، 201- بەت.
    (3) (4) ھاجى نۇرھاجى، چىن گۇگۇڭ: «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1995- يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 256، 290- بەتلەر.
    (5) نىياز كېرىمى: «تۇيۇقتىكى ئەسھابولكەھف غارى» تۇغرىسىدا مۇھاكىمە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋىرستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى ئىجتىمائى پەن قىسمى 2002- يىللىق3- سان، 79- بەت.
    (6) ئابدۇرىشىت ئەھمەد: «لۈكچۈن تارىخى» پىچان تارىخى ماتىرىياللىرى 16- قىسىم، پىچان ناھىيىلىك سىياسى كېڭەش تارىخى ماتىرىياللىرى كومىتېتى نەشىر قىلدۇرغان 2000- يىل نەشىرى 158- بەت.
    (7) قۇربان غەلىي غالىدى: «كىتتابۇ تارىخ جەرىيىدەئى جەدىيىدە» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1989- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 130- بەت.
    پايدىلانمىلار:
    (1) ھاجى نۇرھاجى، چىن گۇگۇڭ: «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1995- يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى
    (2) پىچان تارىخ ماتىرىياللىرى 4-، 16- قىسىملىرى.
    (3) ئابلىم قېيۇم: «تۇرپان ئاسارە ئەتىقىلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1997- يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى.
    (4) «يەتتە قىزلار مازىرى» شەيىخلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھازىرقى شەيىخ سىتنىياز ھىزىمەت (74ياش)، ھەمدۇل ھىزىمەت، ئىلنىياز نەمەت، شازادىخان سىتنىياز قاتارلىقلار تەمىنلىگەن ئاغزاكى ماتىرىيال ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى رىۋايەتلەر.
     

    پايدىلىنىلغان بىر قىسىم مەزمۇنلار «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلى»نىڭ 2006- يىللىق 2-سانىدىن ئېلىنغان.

    分享到: