• 2009-04-20

    لۈكچۈندىكى ساياھىتىم - [ساياھەت خاتىرلىرىم]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/38180362.html

    لۈكچۈندىكى ساياھىتىم

    لۈكچۈندىكى ساياھىتىمنى لۈكچۈن توغرىسىدىكى يازما تارىختىن باشلاي 


    لۈكچۈن قەدىمكى شەھىرى


      لۈكچۈن قەدىمكى شەھىرى   –  خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى لۈكچۈن شەھىرىنىڭ ئەسلى ئورنى بولۇپ ،پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرىغا جايلاشقان ، بۇ شەھەر شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنىپ ،لۈكچۈن دەپ ئاتالغان ، غەربىي يۇرت دورغابى بەن يوڭ مۇشۇ جايدا تۇرۇپ ئەسكەرلىرىگە بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن ۋە چىگرانى قوغدىغان .16 پادىشاھلىق دەۋرىدىكى ئالدىنقى لىياڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى جاڭ جۈن بۇ يەردە تيەندى ناھىيىسىنى قۇرغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لۈكچۈن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان؛ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لۈكچۈن شەھىرى دەپ ئاتالغان ؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لۈكچۈن ياكى ۋاڭ–غوجاملار شەھىرى دەپمۇ ئاتالغان ، بۇ يەر تۇرپان ئىنانچىسىنىڭ ئوردىسى ۋە ئىمىن غوجا جەمەتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ھېساپلىنىدۇ،. بۇ شەھەر خارابىسى بىر قەدەر ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان بولسىمۇ ، ئەمما شەكلىنى يەنىلا ئېنىق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ ،ئۇنىڭ تەكشى يۈزى ئۇزۇنچاق چاسا شەكىلىك بولۇپ، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىر ، شەرىقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر كىلومېتىر ، جەنۇپتىن شىمالغا كەڭلىكى 400 مېتىرغا يېقىن كېلىدۇ؛ غەربىي سېپىلنىڭ جەنۇبىي قىسمى ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپ قالغان، سېپىل خاڭداپ ياسالغان بولۇپ، ئىگىزلىكى 12 مېتىر ، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن بەش مېتىر ، ئۈستىنىڭ كەڭلىكى ئۈچ مېتىرچە كېلىدۇ .
          چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىنانچى جەمەتى لۈكچۈن شەھىرىنىڭ غەربىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ يىڭى شەھەردىن بىرنى سالغان بولۇپ، قەدىمكى شەھەرنىڭ غەربىي تېمى يىڭى شەھەرنىڭ شەرقىي تېمى ھېسابلىنىدۇ. يىڭى شەھەرنىڭ سېپىلىنىڭ ئىزناسى ھېلىمۇ ساقلىنىپ تۇرماقتا . ۋاڭ ئوردىسى يىڭى شەھەر ئىچىگە بىنا قىلغان ؛ قەدىمكى شەھەرنىڭ غەربىي سېپىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا ساراي سېلىنغان بولۇپ، سۇپا ئۇلى سېپىل بىلەن تەكشى چىقىرىلغان . ئۇ ھازىرمۇ بار بولۇپ، ۋاڭ سۇپسى دەپ ئاتالغان .
     



    لۈكچۈن ۋاڭ ئوردىسىنىڭ تۇرپاندىكى تەقلىدى نۇسخىسى





    لۈكچۈن ۋاڭنىڭ ئوردىسى ،بۇ يەردە نۇرغۇن شىھىتلىرىمىزنىڭ قىنى ئاققان



    ۋاڭلىق مەدرىسنىڭ مۇنارى بۇ قوش مۇنار بۇلۇپ مەدىنيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە مۇناردىن بىرى ئۆرىۋېتىلگەن ،يىقىنقى يىللاردا قايتا رىمونت قىلىنغان ،بۇ مەدرىستە خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدىن ،تىۋىپ ھەكىم ،شائىر ئەخمەت غوجامنىياز قىسسۇرى ، نەمەت خەلپەت قاتارلىقلار بىلىم ئاشۇرغان.



    ۋاڭلىق مەدرىسنىڭ ئالدى دەرۋازىدىن كۆرىنىشى




    لۈكچۈننىڭ ئومومىي كۆرىنىشى


     
    پايدىلىنىلغان مەنبە: ئۇيغۇر تارىخ تور بېكەتلىرىدىن

    _____________________________________________________________ 



    ئەمدى ئۆزەم تارتقان بىر قىسىم سۈرەتلەر 

     








     







     






    ( تامام )
    分享到:

    评论

  • ياخشى يېزيپسىز .بولسا تارتقان رەسىمىڭىزنى قايتا يوللاپ قويسىڭىز كۆرۈپ بقساق.
  • يۇرتۇمنى، مەھەللەمنى ساياھەت قىپسىز، قارشى ئالىمەن، مېنىڭ ئۆيۈم ئاشۇ تاغقا يېقىن، ئاشۇر باراڭلار يۇرتداشلىرىمىنىڭ تەكلىرى....
    يۇرتۇمغا بېرىپ تۇرۇڭ، قارشى ئالىمەن.