• 2013-05-06

    زۇلەيخا

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/tatar-logs/233119835.html

    13–ئەسىردە ياشىغان بۈيۈك تاتار شائىرى قولغەلىينىڭ«يۈسۈف كىتابى»ناملىق ئەسىرىدىكى ‹‹زۇلەيخا›› قىسسىسى



    زۇلەيخا

     

    ئوقۇرمەنگە ئايان بەلكىم ئۇزۇنلاردىن ،

    ياش يۈسۈفنىڭ كۆرگەن ئاشۇ خەير چۈشى .

    نادامەت– ھەسرەت بىلەن ئۆتكەن شۇڭا  ،

    ئۇنىڭ ئەينى زاماندىكى جۇت-كەچمىشى .

    *

    تەڭرىدىن شەپقەت بىرلە ۋەھھى كىلىپ،

    پەرىشتەلەر دەرھال ئاڭا يەتكۈزۈشتى.

    ‹ ھەي ، يۈسۈف بۇجاپالار رىيازىنى ،–

    بىلگەيسەن ئەمدى قانداق كەتكۈزۈشنى .

    *

    كىشىگە شەپقەت قىلىشتىن تارتمىغىن باش ،

    يىتىم-مىسكىن، مۇساپىرنى چەتكە قاقما .

    مىھرىبان بول ئاتاڭ كەبى ئىنسانلارغا،

    سەۋەنىچۈن مەھبۇسلارنى دارغا ئاسما .

    *

    تارتقان شۇ رىيازىتىڭ تۈگەر ئەمدى ،

    ھۆرمەتنى ساڭا چەكسىز تەڭرىم بەردى .

    چەكلەنگەن شۇ ئىشلاردىن پەخەس بولغىن!

    قىلىسەن پادىشاھلىق› ،– دېدى ئەمدى

    .

         جاپالار تۈگەپ ئاخىر، بەخت كەلدى،

    مىسىرغا شاھ يۈسۈپنىڭ ئىزى يەتتى.

    تەڭرى بەرگەن بۇ دۆلەتتىن ساپ كۆڭلىگە ،

    يۈسۈف ھەردەم شاپائەتنى مىزان ئەتتى .

    ***

    زۇلەيخادىن ئەمدى قىسسە ئاڭلايسىزلەر،

    ئۇ يۈسۈفنى كېچە-كۈندۈز ئەسلەپ ئۆتەر ،

    قېرىدى ،لېكىن بۇنى يۈسۈف بىلمەس ،

    زۇلەيخا ئۇ ئاش ئورنىغا زۇقۇم يۈتەر .

    *

    تۇراتتى ئۇ يۈسۈف ئۆتەر يولدا ھامان ،

    ئۆمرۈم ئۇنى كۈتۈشكىلا ئاتالغان دەپ ،

    شۇ يولدا كىچە–كۈندۈز يۈرەتتى ئۇ ،

    تاماق-كىيىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ.

    .

    مۆرىتى ھەر يېڭى ئاي تۇغقان چاغدا ،

    ئات كىشىنەپ ، ئەسكەرلەر ئۆتكەن چاغدا ،

    زۇلەيخا يولدا پەرياد چېكەر شۇنداق،

    سەيلىگە  يۈسۈف ئاتلىق چىققان چاغدا ،

    .

    ھالىنى زۇلەيخانىڭ  يۈسۈف بىلمەس ،

    يېنىغا چۈنكى ئۇنىڭ يېقىن كەلمەس ،

    ھەيۋەتلىك داقا – دۇمباق تاۋۇشىدا،

    زۇلەيخانىڭ ئاھۇ-زارى ئاڭا يەتمەس.

    .

    زۇلەيخا ھەسرەتلىنىپ قايتىپ كېتەر ،

    كۈيدۈرەر ئاشىق ئوتى ، ئۇنى ئۆرتەر ،

    ھىچقاچان ئۈمىدىنى ئۈزمەس ئەمما،

    ۋىسالنى شۇ ھالدىمۇ ئارمان ئېتەر ،

    .

    زۇلەيخا ئۇزۇن ۋاقىت شۇنداق يۈردى .

    ئاجىزلاپ بىر مەھبۇسقا ئۆزگەردى ئۇ .

    چوقۇنغان مەبۇدلەردىن ئۆرىدى يۈز :

    " ھالىمغا يەتمىدىڭلار ! "–  ھۈرپەيدى ئۇ.

    .

    مەن ئەزىز ، غېرىپ بولدۇم ھەم تۇل قالدىم ،

    يۈسۈفنىڭ ئىشقى بىلەن خار –قۈل بولدۇم .

    كەلمەسكەن سەندىن ياردەم ، بىلدىم ئەمدى،

    دەردىمنى ساڭا ھامان ئېيتىپ تۇردۇم ،

    .

    مىسىردا كائىن خانىش بولغانىدىم ،

    ھەممىگە ھۆكۇمرانلىق قىلغانىدىم ،

    ھىچقاچان سەندىن بەھرە كۆرمىدىمغۇ؟،

    تەڭرىم دەپ سېنى شۇندا بىلگەنىدىم ،

    .

    زۇلەيخا مانا شۇنداق گۇمانلاندى ،

    يۈز ئۆرۈپ مەبۇدلەردىن مۆمىن بولدى .

    مەبۇتلارنى چاقتى كۆكۈم-تالقان قىلىپ ،

    بارار جايى-ئەخلەتلىككە سۈرگۈن بولدى. .

    .

    سەيلىگە يۈسۈف چىققان  بىر كۈنلىرى،

    يېڭىدىن چىرايلىق ئاي تۇققان ئىدى.

    ئۇل زۇلەيخا يول بويىدا پەرياد ئۇرۇپ :

    –       ھەي يۈسۈف ،ماڭا بىرەرت كۆز سال ! –دېدى .

    .

    ئىلاھىم زۇلەيخاغا ياردەم بېرىپ ،

    ( ئاۋازىنى يۈسۈف تامان يەتكۈزدىلەر . )

    شۇ چاغدا زۇلەيخانى يۈسۈف كۆردى ،

    قارىغۇ بىر موماي ئۇ دەرت تۆكۈلەر .

    .

    ئېتىنىڭ يۈسۈف شۇ چاغ بېشىن تارتتى ،

    ھال سوراپ، يېقىن كېلىپ  ئاڭا ئېيتتى :

    -سەن كىمسەن، مەندە قانداق ھاجىتىڭ بار؟

    ئېيت قېنى، ساڭا قانداق ئازاپ يەتتى؟

    .

     

    زۇلەيخا دېدى : جاھان شاھى ، ئاڭلاڭ ،

    مەن زەئىپ ، كۆزلىرىممۇ كۆرمەس ھامان ،

    مەرھۇم مىسىر ئەزىزى خوتۇنىمەن

    مانا ئەمدى ھالىم شۇ، ئوبدان قاراڭ .

    .

    شۇ ئايال مەن ،شۇ سېنى سېتىپ ئالغان ،

    بىر سېنىڭ ئىشقىڭغا ھەيران قالغان ،

    سەن ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلغان،

    بۈگۈن سەن بۇ ھالىمنى بىلىپ قويغىن.

    .

    قولۇمدىن كەتتى جىمى بايلىق نېمەت ،

    سورۇلۇپ كەتتى توزۇپ مال ھەم دۆلەت .

    لېكىن ھىچ بېسىلمىدى ئىشقىي ھەسرەت ،

    يالقۇنلۇق شۇ ئىشقى ئوتۇمنى بېسىپ قويغىن .

    .

    ئىشەندىم مەنمۇ ھەقنىڭ بىرلىكىگە ،

    ئىشەندىم ھەم پەيغەمبەرلىكىڭگە ،

    قالمىدى ھىچبىر شېكىم مۆمىنلەرگە ،

    مۆمىن بولدۇم ،– قوللىرىڭنى بېرىپ قويغىن .

    .

    يۈسۈفنىڭ زۇلەيخاغا ئاغرىپ ئىچى ،

    ئىشقىغا ئۇنىڭ ھەستە ھەيران قالدى ،

    گېپىگە زۇلەيخانىڭ ئىشىنەلمەي ،

    سىناش ئۈچۈن سۇئاللارنى سوراپ سالدى.

    .

    "  زۇلەيخا نەدە ئەمدى داڭقىڭ ، مالىڭ ،

    سۇمبۇل چاچ ، زىبا بويۇڭ ،  خۇش جامالىڭ ،

    بالقىپ بىر تۇلۇن ئاي بوپ تۇرغان چېغىڭ ؟

    نىچۈك سەن مۇنداق ھالغا چۈشتۈڭ ئەمدى ؟

    .

    زۇلەيخا ئېيىتتى :جامالىم ،مۈلكۈم  بەردىم ،

    بارىمنى سېنىڭ ئۈچۈن پىدا قىلدىم ،

    بەختىمدىن ، تەختىمدىن ھەم ۋاز كەچتىم ،

    ۋەسلىڭنى بۇ ئۆمرۈمگە قىبلە قىلدىم. .

    .

    يۈسۈف ئېيىتتى:ئەگەر چىن ئاشىق بولساڭ ،

    ۋەدىگە چىڭ ،مۇھەببەتكە سادىق بولساڭ ،

    يىغلاپ يۈرۈپ ئىشقىڭچۈن دەۋا قىلساڭ ،

    دەۋايىڭغا بىرەر ئىسپات بارمۇ ئەمدى .

    .

    زۇلەيخا ئېيتتى: ئەمىسە كەل  يېنىمغا ،

    قولۇڭدىكى قامچاڭنى بىررەت بەر قولۇمغا .

    ئاشىقلىقىم تەپتىنى ھېچ ھىس قىلمىساڭ ،

    يالغان بولسۇن ئېيتقانلىرىم، سال زولۇمغا.

    .

    قامچىسىن بېرىپ ، يۈسۈف ئاتتا تۇردى ،

    زۇلەيخا" ئۇ قامچىنى قايتا بەردى .

    قامچىغا ئوت تۇتاشتى ، يۈسۈف كۆردى،

    قامچا ئۇنىڭ قوللىرىنى زەپ كۆيدۈردى ، .  

    .

    قامچىنى يۈسۈف دەرھال ئېتىۋەتتى ،

    زۇلەيخا چىن ئاشىقكەن دەپ بىلىپ يەتتى،

    سادىقكەن ، ھىچ قالمىدى شەك – شۈبھىىسى ،

    تاڭ قېلىپ ، ئات تىزگىنىن تارتىۋەتتى .

    .

    زۇلەيخا ئېيتتى :دەردىم چۈشەندىڭمۇ ،

    قامچىغا ئوت تۇتاشتى ، بىلەلەمسەن؟

    قولۇڭنى كۆيدۈرگەندەك قىرىق يىللار ،

    شۇ ئوتتا مىنىڭدەك ھەم چىدالامسەن؟

    .

    يۈسۈف تاڭ قالدى ، ھەيرانۇ-ھەس،

    زۇلەيخاغا تەسەللى – تەلىم بەردى :

    " ئۈمىد ئۈزمە ، ۋىسالنىڭ پەيتى كەلدى ،

    ئازاپ كەتتى ، راھەت يەتتى، كەلگىن" ،–دېدى  .

    .

    پەرىشتىلەر كەلدى شۇئان سالام بېرىپ ،

    ھەقتىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى يەتكۈزۈشتى.

    " نىكاھلاپ  زۇلەيخانى ئالغىن " ئەمدى ،

    پادىشاھ سەن، ئۇ خانىشىڭ بولسۇن "دىدى.

    .

    مانا بۇ "چوڭ خۇش خەۋەر "، دېدى يۈسۈف ،

    تەبەسسۇمدا  زۇلەيخاغا يېقىن كىلىپ.

    ۋەھھىينى سۆزلەپ ئۇنى شادلاندۇرۇپ ،،

    " زۇلەيخاغا راھەت يەتتى " – دىدى كۈلۈپ .

    .

    زۇلەيخا بۇنى ئاڭلاپ ھەسرەتلەندى ،

    " ئىلاھىم ، ھالىم ساڭا مەلۇم " دېدى،

    مۈلكىدىن، جامالىدىن  مەھرۇم بولغاچ ،

    تۇرقىدىن، كۆزلىرىدىن ۋايىم يىدى.

    .

    تەڭرىم ، ماڭا ياردەم قىلغىن بىر ئۆتۈنەي ،

    كۆزلىرىمنىڭ نۇرلىرىنى بەرگىن زەررە ،

    جامالىم يۈسۈفكە لايىق بولسۇن  ،

    ئەسلىدىكى ھالىتىمنى بەرگىن يەنە.

    .

    شۇ چاغدا بىر پەرىشتە يېتىپ كەلدى ،

    قانىتىدىن زۇلەيخاغا نۇر تۈكۈلدى .

    زۇلەيخا كۆزى يورۇپ ياپ – ياش بولدى ،

    يۈزلىرىدە قىزلارغا خاس گۈل ئېچىلدى.

    .

    نىكاھ قىلىپ،ئۆز ئەمرىگە ئالدى ئۇنى ،

    تويلار قىلىپ، ساھىپخانى بولدى يۈسۈف،

    تويغا كەلدى ئۇلۇغ بەگلەر،بولۇپ داخىل ،

    شاد– خۇراملىق ، سۆيۈنچلەر كەتتى تۇشۇپ .

    .

    ئىككىسىگە تويلار تۈگەپ خىلۋەت بولدى ،

    زۇلەيخانىڭ ئىپپىتىنى يۈسۈف بىلدى.

    شۇندا ھەيران بولۇپ يۈسۈف ھەم سورىدى:

    كۆپ زامانلار قانداق قىز بوپ قالدىڭ ئەمدى ؟

    .

    زۇلەيخا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى :

    سەن ئۈچۈن تەڭرىم مېنى قوغداپ كەلدى ،

    شۇنچە يىل پەرى قىزى كېلىپ ھەركۈن،

    ئېرىم بىلەن مەن سىياقتا ئۇخلاپ كەلدى .

    .

    تەڭرىمگە رەھمەت سېنى بەردى ماڭا، ،

    ئارزۇ ۋە ئارمانلىرىم بولدى ئادا.

    دۆلىتىم ، گۈزەللىكىم قايتتى يەنا ،

    ئېيتىمەن ھەر مەرتىدە ھەمدۇ-سانا .

    .

    تەڭرىنىڭ ھۆكمى بىلەن پۈتۈپ تەقدىر :

    يۈسۈف بىلەن زۇلەيخا بىرگە ياشىدىلەر ،

    ئون ئىككى ئوغۇل ھەم بولۇپ نىسىپ ،

    چوڭ ئوغلىنى‹‹ مۈسەلىم›› دەپ ئاتىدىلەر.

    ***

    تەرجىمە قىلىپ رەتلىگۈچىلەر:-غىلاجىدىن ئوسمان ئىدىل، سائادەت ساتتار ئايتۇغ

    رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ

    分享到: