• 2013-11-27

    ana til

  • تاتار مىللىتى

    تاتارلار رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيتىدە ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتكە چېگرىداش ھەر قايسى جۇمھۇرىيەت ئوبلاستلارغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
    2007-يىلى يىل ئاخىرىدىكى سىتاتىسكىدا رۇسىيەدىكى تاتارلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 5مىليۇن 890مىڭ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە 2مىليۇن 100مىڭ بولۇپ، تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ 53%نى، باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتىدە بىر مىليۇن بولۇپ باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ 24% تەشكىل قىلغاندىن باشقا، يەنە تۈمەن ئوبلاستىدا 250مىڭ، سىۋىردولوۋىسكى ۋە ئوليانوۋىسكى ئوبلاستىدا 170مىڭدىن، چېليابىنىسكى ئوبلاستىدا 210مىڭ، موسكۋادا 170مىڭ، سامارا ئوبلاستىدا 130مىڭ، سانكىت پىتىربورگدا 50مىڭ، ئاستىراخان ئوبلاستىدا 100مىڭ، ئۇدمۇرت جۇمھۇرىيىتىدە 110مىڭ، ئورېنبورگدا 166مىڭ، پىرىم ئوبلاستىدا 140مىڭ، كېمېروۋ، سارىتاۋ، ئومىسكى، كىراسنويارىسكى، كىروۋ، موردوۋا جۇمھۇرىيىتى، مارىئېل جۇمھۇرىيىتى، چۇۋاش جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق جايلاردا 50مىڭدىن تارقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا روسىيەنىڭ ۋە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا دىگۈدەك تاتارلار ئولتۇراقلاشقان.
    تاتارلار يەنە رۇسىيەدىن سىرتقى دۆلەتلەردىن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى (650مىڭ) ، يەنە تاجىكىستان (100مىڭ)، قىرغىزىستان (40 مىڭ)، قازاقىستان (260 مىڭ)، تۈركمەنىستان (30 مىڭ) ۋە تۈركىيە(130مىڭ)، سەئۇدى ئەرەبىستان(51مىڭ)، ئامېرىكا(29مىڭ)، ئاۋستىرالىيە(31)، گېرمانىيە(18مىڭ)، كانادا(3700) قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلارغىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 8مىليۇنغا يېقىنلىشىدۇ ئاشىدۇ.
    تاتارلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ موڭغۇل، ھىندى-پامىر تىپى ۋە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئارىلاشمىسىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى بۇلغار تىللىرى ئائىلىسى(گاھىدا شىمالى تىللار ئائىلىسى دىيىلىدۇ)گە تەۋە تاتار تىلىنىڭ قازان، ئاستىراخان، سىبىرىيە قاتارلىق كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، سوۋېت ئىستىلاسىدىن كېيىن سىلاۋيان يېزىقىنىمۇ قوللىنىپ كەلگەن.
    تاتارلار بارلىق تۈركى مىللەتلەرگە ئوخشاشلا تارىختا شامان، زەردۇشىت، بۇددا، مانىزم قاتارلىق قەدىمكى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. 10-ئەسىردە مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. لېكىن سانى 30مىڭ ئۆپچۆرىسىدە بولغان كەرشىنۋاي تاتارلىرى 16-18-ئەسىرلەردە رۇسلارنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا پىروۋىسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇلغان بولۇپ بۈگۈنگىچە پىروۋىسلاۋ بولۇپ كەلمەكتە.
    تاتارلار ناھايىتى بالدۇرلا شەھەرلەشكەن بولۇپ، ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىغا ماھىر مىللەت. تاتارلار ئاساسەن شەھەرلەشكەن بولۇپ دېھقان-چارۋىچىلار يوقنىڭ ئورنىدا.
    تاتارلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەت تۈركلەرنىڭ بىرقىسمى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردە شەرقى ياۋروپادىكى تۇنجى پادىشاھلىق ھىساپلانغان ئىفتالىتلار(ئاق ھۇن) خانلىقى ھازىر تاتارلار ياشىغان ئىدىل(ۋولگا) ۋادىلىرىغىچە كېڭەيگەن. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ياۋروپا يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان. مىلادى 10- ئەسىردە ئاستىراخاندىكى بۇلغار(ھازىرقى تاتار) خانى ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ ئەلچىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن، 13-ئەسىردە تاتارلار ئولتۇراقلاشقان رايون چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. 14-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چاغاتاينىڭ تۈركلەشكەن ئەۋلادلىرىدىن بولغان باتۇخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەخمىنەن 400مىڭ ئەتراپىدا تۈركى خەلقنى ئەسكەر قىلىپ كەڭ روسىيە تۈزلەڭلىكىنى بويسۇندۇرغا ، قوشۇندىكى سانى 5مىڭغا يەتمەيدىغان موڭغۇللار تۈركلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغانلار ئەسلىدىكى تۈركى خەلق بۇلغارلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بۈگۈنكى تاتارلار شەكىللەنگەن. گۈللەنگەن ئالتۇن ئوردا پادىشاھلىقى شەرقتە سىبىرىيەدىن تارتىپ غەرپتە موسكۋا چېگرىسىغىچە، جەنۇپتا ئاستىراخاندىن شىمالدا مۇز ئوكيانغىچە بولغان كەڭ زىمىننى بويسۇندۇرۇپ مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرغان. 15-ئەسىردە ئالتۇن ئوردا خانلىقى پارچىلىنىپ قازان خانلىقى، ئاستىراخان خانلىقى، قىرىم خانلىقى، سىبىرىيە خانلىقى قاتارلىق ئۇششاق بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1565-يىلى رۇسلار قازان خانلىقىنى ئىشغال قىلىپ دەھشەتلىك ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغا ۋە قازان تاتارلىرىنىڭ 70% بۇ قىرغىنچىلىقتا قىرىپ تۈگىتىلىپ قالغان ئاز ساندىكىلىرىنىڭمۇ نۇرغۇنلىرى باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.
    دۇنيادا تاتارلاردەك ئېغىر مىللى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىككىنچى مىللەتنى تاپماق تەس. ئۇلار تۆت ئەسىر مىللى كىملىكىنى قوغداش يولىدا ئۈن-تىنسىز كۈرەش قىلىپ، سانسىز قىرغىنچىلىق، مەجبۇرى ئاسسىمىلاتسىيە، دىن ئۆزگەرتىش، ئۆز يۇرتىدىن تۈركۈملەپ سۈرگۈن قىلىنىشتەك تەقدىرلەرگە يۈزلىنىپمۇ ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيتىىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئىسمايىل غاسپىرالى، مۇسا جارۇللا، رىزائىدىن پەخرىدىن، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق ئالىملار ۋە سانسىز بىجانىدىل تۆھپىكارلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولغان.
    1917-يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، تاتارلار تاتارىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ مىللى كىملىكى قىسمەن كاپالەتكە ئىگە بولغان. 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى «تاتارىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان ۋە رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تەركىۋى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛
    1990-يىلى تاتارسىتان سوۋېتى (جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى) «ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى»نى ماقۇللىغان. 1991-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئەمما بىر يېرىم يىلدىن كېيىن قايتىدىن رۇسىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈشۈپ موسكۋا بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق فىدىراتسىيە كېلىشىمىگە قول قويغان.
    نۆۋەتتە تاتارلار رۇسىيەدە رۇسلاردىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مىللەت، تاتار تىلى روسىيە فىدىراتسىيەسى تەۋەسىدە رۇس تىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ تىل بولۇپ، تاتار تىلىدا باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتلار دەرسى ئۆتۈلىدۇ. تاتار تىلىدا گېزىت ژورنال، كىتاپلار نەشىر قىلىنىشتىن سىرت فىلىملەر ئىشلىنىۋاتىدۇ...

  • سىبىر خانلىقى


             سىبىر خانلىقى بولسا  16-ئەسىردە ئاسىيا قىتئەسىدىكى سىبىريەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا  قۇرۇلغان تۈركىي-موڭغۇل خانلىق بولۇپ ،1490-يىلى دەسلەپتە كەرەيلەر تەرپىدىن قۇرۇلۇپ،كېيىن خانلىقىنىڭ تەختى  شەيبان(چىڭگىزخاننىڭ نەۋرسى،باتۇنىڭ ئىنىسى،جۇچىنىڭ بەشىنچى ئوغلى) جەمەتنىڭ ئەۋلادلىرى تەرپىدىن تارتېۋېلىنغان .ئاھالىسى ئاساسلىقى  تاتار،نېنېت،مانسى،قانتى قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان.سىبىر خانلىقىنىڭ ئورنى تەخمىنەن ئوب دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى بىلەن توبول دەرياسىنىڭ ئارلىقىغا توغرا كېلىدۇ.سىبىر خانلىقى 1490-يىلدىن1582-يىلغىچەجەمىئىي   92يىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان.سىبىر خانلىقىنىڭ ئاھالىسى ئەسلىدە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن،ئاساسلىق تىلى سىبىريە تاتار تىلى بولغان،ئاستەنىسى چىڭگىتۇرا(ھازىرقى تيۇمېن).

  • ئەسخەت ئىسھاقوۋ

  • تاتار نەۋرۇز بەيرەمى قۇتلې بولسېن!

  •  

    ئارمان

     

    بەختىم ئۈچۈن يازىمەن شېئىر،
    تۈن نىسپىدە خىياللار سۈرۈپ.
    خۇشپۇراقتىن قانسا يۇرەگىم،
    پايخان بولاي ئىشقىدا كۆيۈپ.

     

    سەۋدا بولۇپ قالدىم يىگانە،
    يوللىرىغا ھەرچاغ تەلمۈرۈپ.
    كەتمىسەملا بولاتتى بىر كۈن،
    بەخت قۇشنى تاپالماي ئۆلۈپ.

     

    ئىشتىھاسىز ئۆتتى بۇ كۈنلەر،
    غەم خالتامنى مۈرەمگە يۈدۈپ.
    چاقنار بىر كۈن بەخت يۇلتۇزۇم،
    مەنمۇ ئىنسان كېتەرمەن كۈلۈپ.

     

    مەنبە:قەلەم

     

    تاتار ئوغلى يازمىلىرى

  • تاتارستان پرېزىدېنتې رۆستەم مىڭنېخانوۋ تاتارىستان خالقېن ياڭا ئېل بىلە ن قوتلادې

     



  • رۆستەم مىڭنېخانوۋ تاتارىستان مۆسېلماننارېن قوربان بەيرەمې بىلەن قوتلادې



    قوربان بەيرەمې ئۆلكەننەرگە كادېر-خۆرمەت كۈرسەتېرگە، موختاجلارگا ياردەم ئىتەرگە، ياكېن كېشېلەر تۇرېندا كايگېرتېرگا، بالالاردا ئىمان ھەم ئىگېلېك تەربىيالەرگە ئۆيرەتە”، - دىېلە كوتلاۇدا.

  • بېيجىڭدىكى تاتارلار يىغىلىشى(2010.11.13)

  • مىرقاسېيم ئوسمانوۋ ۋافات بۇلدې

     

  •  مەسغۈدە شەمسېتدىنوۋا ئامېرىكىدا ياڭا دىسك چېغاردې




      ئامېرىكىدا ياشەۈچې ھەم ئىجات ئىتۈچې تاتارنېڭ تانېلغان كومپوزىتورې مەسغۇدە شەمسېتدىنوۋانېڭ ئۆر-ياڭا جېئېنتېگې چېكتې. ئامېرىكا جىرېندە دۆن ياگا ئاۋاز سالگان مۇزېكال  ج...

  • نەپىس سالاتې

        1 كېچكېنە كاپ كراب تاياكچېكلارې، 100 گ كاتې سېر، 2 شەر ياشېل ئالما، كاتې پېشكەن يومېركا، 1 كىشېر، مايونېز، سالات يافراكلارې، توز.

  • توز ھەم تەملەتكېچلەر

    (تۇزھەم تېتىتقۇلار)


    ئۈسېملېكلەر بۇېنچا بېلگېچ بۆېك كارلدان، تەم­لەت­كېچلەر نى ئۇل، دىپ سوراگاچ، ئانېڭ جاۋابې كېسكا بۇلگان: “دەۋالاۇچېنېڭ دوستلارې ھەم پېشېكچېنې داڭا كۈمۈچېلەر”. بۈ...